باش بەت

دىل بايان

891يوللانما
79مەستانە

15 يىل ئىزچىل دۆلىتىمىز مېلىنى ساتقان ۋەتەنپەرۋەر دۇكاندار

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 20:25 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گوڭدېڭ ماركىلىق ئۆرۈك مېغىزى شىرنىسى، شاڭخەي ماركىسىدىكى دورا سوپۇن، ھەرە گۈلى باش يۇيۇش سۈيى، بەي چۆلىڭ يۈز سۈرتۈش مېيى، قوزام مېيى... بۇلار 50- 60- 70- يىللاردىكىلەر ئۈچۈن ئەسلىمە خاراكتېرىگە ئىگە كونا ماركىلار، بىراق ھازىر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشكە باشلىدى. 

شىئەن چېڭ خۇاڭمىياۋ ئۇششاق تاۋارلار توپ تارقىتىش بازىرىدا بىر كونا ماركىدىكى ماللارنى مەخسۇس تارقىتىدىغان دۇكان بار بولۇپ ھازىرغىچە ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كەتكەن كونا ماركىدىكى ماللارنى سېتىۋاتىدۇ، غوجايىن ياڭ زىخۇي 15 يىلدىن بېرى بۇ كوچىدا كونا خېرىدارلىغا يەنىلا بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئىچىدىكى ماللارنى سېتىپ كېلىۋاتىدۇ.

توپ تارقىتىش بازىدىكى ھەممەيلەن بۇ دۇكاننى بىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يانفونىدا بۇ دۇكاننىڭ نومۇرى ساقلاقلىق، غوجايىن ياڭ زىخۇي 70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىبابەت ئۆگەنگەن كېيىن يەنە ھۆسن تۈزەش دۇكىنى ئاچقان، 15 يىل ئىلگىرى كەسىپ ئۆزگەرتىپ ھازىرقى كونا ماركىدىكى ماللار سېلىنغان بۇ دۇكاننى ئاچقان.

30 كۋادرات مېتىرلىق دۇكاننىڭ تۆت تېمىغا كۆزگە چېلىدىغان ماللار تۈرگە ئايرىپ تىزىپ قويۇلغان، تىجارەت تۈرى نەچچە يۈزگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، 70-80-90-يىللاردىكى كونا ماركىدىكى ماللار يىغىلغان. ئىچىدىكى بەزىلىرى بولسا ھازىر تەستە تاپقىلى بولىدىغان ئويۇنچۇق، كونا پاسوندىكى يۈز مېيى، بالىلار بۇيۇملىرى بولۇپ، باھاسى 1 يۈەن، 10 يۈەن، ئون نەچچە يۈەن، ئەڭ قىممەت بولغانلىرىنىڭمۇ 100 يۈەنگە بارمايدۇ.

غوجايىن ياڭ زىخۇي ئۆزىنىڭ كونا ماركىدىكى ماللارغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىنى سۆزلىگەندە، سودىگەرچىلىك يولى ھەققىدە قايتا-قايتا توختالدى. ئۇ:«كونا ماركىدىكى ماللارنى سېتىپ قېلىشىم تاسادىپىيلىق ئەمەس، خېرىدارلار دائىم كونا ماركىدىكى ماللارنى سوراپ كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ كۆپ يىللىق كونا ماركىدىكى مال مەستانىسى، ماددىي تۇرمۇش ناھايىتى موللاشقان بۈگۈنكى كۈندە، بازاردىكى ماللارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىدىن كونا ماركىدىكى ماللار بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنماس بولۇپ كەتتى، بىراق مېنىڭچە، ئۆزى ياخشى، باھاسى ئەرزان ماركىلىق تاۋارلار يەنىلا ئومۇملاشتۇرۇپ سېتىشقا مۇھتاج. 

دۇكاننىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، مۇقىم خېرىدارلىرى كۆپەيدى، بەزىلىرى ھەتتا ئالاھىتەن ئىزدەپ كېلىدۇ، يەنە بەزى ياشانغانلار قىزى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خېلى يىراقلاردىن بۇ دۇكانغا كېلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن تونۇش ماركىلارنى كۆرگىنىدە چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنىدۇ.

ياڭ زىخۇينىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا دۇكانغا كېلىپ مال ئالىدىغان ياش خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان، بەزىلىرى چوڭلارنىڭ تەسىرىدە بۇ دۇكانغا مال ئالغىلى كېلىدىكەن، يەنە بەزىلىرى «بالىلىقنى ئەسلەش» ئۈچۈن بۇ دۇكانغا كېلىپ قالدىكەن. مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياكى مەدەنىيەت تەنتەربىيە بۇيۇملىرى بولسۇن، بۇ دۇكاندىن ئۇلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تاپالايدىكەن. بولۇپمۇ چوڭلارغا نەرسە سېتىۋىلىشتا بۇ كونا ماركىدىكى ماللار ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالىدىكەن! كىم ئەرزان نەرسىنى ياخشى ئەمەس دەيدۇ، مانا بۇ كونا ماركىدىكى ماللار چوڭلارغا ئەسلىمىنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىسەرەمجان1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ يەردە بىر مەسىلە بار،شۇ كونا ماركىدىكى نەرسىلەرنى ھازىرمۇ ئىشلەپ چىقىرىۋاتامدۇ؟
    ئەگەر ئىشلەپچىقارمىسا مال نەدىن كىلىدۇ؟
    كونىلىرىنى ساتتىمۇ دەيلى، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى بار

  • 131******572 ئاي ئىلگىرى

    مال مەنبەسى نەدىن كېلىدۇ زادى،؟

  • irpan2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ تىجارەت قىلىۋاتقىلى 20يىل بولدى ھازىرغىچە ئىمپورت مال سېتىپ باقمىدىم،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号