باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

708يوللانما
10مەستانە

شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىغا ئالدانغان ئىستۇدېنت 6 كۈن جاپا تارتىپ ئاران قېچىپ چىقتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 19:21 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ بېشىمغا كېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىم باركەن قېچىپ چىقتىم.» بۈگۈن ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياۋۋاڭ ئۆزىنىڭ ئۈندىداردىكى دوستى ئابىن تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ، ئابىنغا شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ئويىدىن تامامەن ۋاز كەچتى. شياۋ ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە ئابىن ئۇنىڭ 2 يىل ئىلگىرى ساياھەتتە تونۇشۇپ قالغان دوستى ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دائىم پاراڭلىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. 29-سېنتەبىر ئابىن شياۋۋاڭنى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ جەنجياڭغا بېرىپ ئويناپ كېلىش، مۇشۇ باھانىدا ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ بايراملىق دەم ئېلىشتا تىجارەتنىڭ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، مېنىڭ بېرىپ ياردەملىشىشىمنى ئېيىتتى، لېكىن مەن ئاۋۋال پويىزغا ئولتۇرۇپ نەننىڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇ مېنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى.» ئابىن ئۇنى نەننىڭ ۋوگزالىدىن ئالغاندىن كېيىن بېيخەيگە بارىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا چىققان، ئابىن شياۋۋاڭغا ئاۋال بېيخەيگە بېرىپ ئىككى كۈن ئويناپ ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تۈرنى قىلىۋاتقان يەڭگىسىنى يوقلاپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «ماشىنىغا چىقىپلا ئىشنىڭ بىنورماللىقىنى سەزدىم، ساياھەت يېتەكچىسى قولىغا مىكروفون ئېلىپ نېمىدۇ بىر <كاپىتال ئوبوروت> تۈرىنى تونۇشتۇرۇپ، بېيخەينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تۈردىكى باشلامچى ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى، ئۇ يولبۇيى توختىماي سۆزلىدى، ئاندىن يولۇچىلارنى بىر-بىرلەپ تەسىراتىنى سۆزلەتتى.» شياۋۋاڭ كۆپ قىسىم يولۇچىنىڭ بىر تەشكىلاتتىن كەلگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇ يولۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى، تېخى بايىلا ۋوگزالدىن بۇ ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بايقىدى.

شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «سۆز قىلغان يولۇچىلار بۇ تۈرنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئاندىن ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلارنى بۇ يەرگە ئالداپ ئېلىپ كەلمەسلىكى كېرەكلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ بىر <ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان يالغان سۆز> ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بېيخەينىڭ نامى ياخشى بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈر دۆلەتنىڭ مەخپىي قۇرۇلۇشى بولغانلىقتىن كۆپ ئادەم قاتنىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا يالغان سۆزلەپ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بېيخەيگە تەكىلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.» شياۋۋانىڭ ئېيتىشىچە، پۈتكۈل ئاپتوبۇستىكىلەر بىردىنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، نۇرغۇن ئادەم يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلاپ، ئەسلىدە ئۆزئارا تونۇشمايدىغان كىشىلەر خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتكەن. شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ سۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇلارنىڭ سۆزىگە چىنپۈتكەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم، كېيىنكى ئىككى كۈندە بۇنىڭ دەل شاخلىتىپ سېتىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.» شياۋۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بېيخەيدە 6 كۈن تۇرۇپ، ھەر كۈنى ئابىن ۋە ئۇنىڭ يەڭگىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇيان-بۇيان قاتىراپ، ئاتالمىش ئۇستازلارنىڭ «كاپىتال ئوبوروتى»غا ئائىت لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان، يەنە بېيخەيدىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش، سەيلىگاھلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، بۇ كىشىلەر شياۋۋاڭغا ئېكىسكۇرسىيە قىلغان نىشانلارنىڭ ھەممىسى «كاپىتال ئوبوروتى» ئارقىلىق قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئادەملەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىمەيدۇ، يانفوننىمۇ مۇسادىر قىلمايدۇ، لېكىن نەگىلا بارسىڭىز بىرسى سىزگە ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ، تاماقلىرىمۇ ئىنتايىن ناچار، ئەتىگەندە شۈۋگۈرۈچ بىلەن ھورنان، چۈش ۋە كەچتە تۇرۇپ بىلەن يېسىۋىلەك بېرىدۇ، ئابىن بۇنىڭ يېڭى كەلداخۇنلارنىڭ ئىرادىسىنى سىناش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.» شياۋۋاڭ ئابىنغا بۇ كىشىلەردىن چەك-چېگرانى ئايرىپ قايتىپ كېتىشنى ئېيتقاندا ئابىن ئەكىسچە شياۋۋاڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان.

شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: «6-ئۆكتەبىر سەھەردە مەن بالدۇرلا ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئابىنمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ھاجەتخانىغا بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھەميېنىم، كىملىكىم ۋە كىيىم-كېچەكلىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپ قېچىپ چىقىپ دەرھال ۋوگزالغا بېرىپ بېيخەيدىن كېتىپ قالدىم. ئۇلار كېيىن مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى، ئۈندىداردا ئابىنغا نەسىھەت قىلساممۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى، بۈگۈن مېنى يەنە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىپتۇ.» شياۋۋاڭ ھازىرمۇ ئۇ ئىشلارنى ئويلىسا قورقىدىغانلىقىنى، ھېلىمۇ تەلىيىگە بۇ 6 كۈندە بىرەر كېلىشمەسلىك بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئون كۈندە ئاران قېچىپ چىققان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号