باش بەت

tayks

606يوللانما
6مەستانە

كانادالىق ساھىبجامالنىڭ 12 يۇلتۇز تۈركۈمى گىرىملىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 20:53 18 ئىنكاس چۈشتى

كانادالىق بۇ ساھىبجامال گىرىم قىلىش مۇتەخەسىسى بولۇپ، دائىم ئالاقە تورىغا ئۆزى قىلغان ھەر خىل گىرىملەرنى ھەمبەھىرلەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇ بىر يۈرۈش 12 يۇلتۇز تۈركۈمى گىرىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سىز ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبتىكى گىرىملەرمۇ بارمىكەن؟ يۇقىرىدىكى سەراتەن يۇلتۇز تۈركۈمى (巨蟹座) گىرىمىدە دېڭىزنىڭ ھىدى كېلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل گىرىم ئوچۇق قىزىل رەڭدىن تەركىب تاپقان.

ئۇ گىرىمچىك بولۇپلا قالماستىن يەنە تورونتودا خىزمەت قىلىدىغان بىر مودېل، ئۇ دەل مۇشۇ خىزمىتى سەۋەبىدىن گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى (狮子座)نىڭ ياۋايىلىقى ئۇنىڭ يۈزىدە ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى يەنە ھوقۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى (双子座) كىشىگە تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. بۇ گىرىمدىمۇ بىر خىل ئاسىممېتىرىيەلىك ئەكىس ئەتكەن.

چېچىغا ئىككى دانە مۈڭگۈزنى قىستۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇرۇن ھالقىسى بىلەن قوشۇلۇپ كىشىگە ئەجدەر شاھنى ئەسلىتىدۇ. سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى (金牛座) كىشىگە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى (天蝎座) سوغۇققانلىقنىڭ شۇنداقلا مول كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ بەلگىسى. ئۇ  چېچىنى چاياننىڭ قۇيرۇقىدەك ئۆرۈپ، ھەممىنى كۆرۈپ يېتەلەيمەن دەۋاتقاندەك قىلىدۇ.

مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمى (射手座)دىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەۋەككۈل قىلىش روھىغا باي بولىدۇ، ئوۋچىنىڭ ئوبرازى بىلەن بىر باتۇر كىشىنى ئىپادىلىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئۇ ئۆزىنى بىر ساھىبجامال ئادەمبېلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى (双鱼座)نى ئىپادىلىدى، بىراق ئەمەلىيەتتە ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ بولىدۇ، كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ.

سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى (处女座)دىكىلەرگە ئەزەلدىن قارا چاپلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى چارچىتىۋېتىدۇ.

دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى(水瓶座)دىكىلەر سۇ دولقۇنلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قانۇنىيەتچانلىككە ئىگە، بىراق چۈشەنمەك تەس.

جەدى يۇلتۇز تۈركۈمى (摩羯座)نىڭ گىرىمى ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئوبرازنى شەكىللەندۈرگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بەلگىسى ئېگىلمەس-سۇنماس روھ.

ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى (白羊座) ئەڭ ياخشى چىققان گىرىم بوپتۇ، بولۇپمۇ ئىككى مۈڭگۈزى. ئۇنىڭ بەلگىسى يېڭى باشلىنىش.

مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى (天秤座)دىكى مۇرەككەپلىك ئىككىدىن بىرنى تاللاشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. دائىم ھەر بىر نۇقتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىراق ئادىللىق ۋە تەڭپۇڭلۇققا يېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سىھىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭ بەك مەرگەن ياكى ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىگە كىرگىم باتى لىكىن مە ھوت يۇلتۇز تۇركىمىگە كىرىدىكەنمەن.

  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەرزىيسىز خۇشخۇي. مەرگەن يۇلتۇز تۈركىمى بولسىڭىز راسلا خۇشخۇي كەنسىز.

  • ئەزىزە1 ھەپتە ئىلگىرى

    گىرىمنى چىرايلىق قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس ،

  • خۇشخۇي1 ھەپتە ئىلگىرى

    رەھمەت سىزگە شاھناز- exo،،،،،،،،،،،،

  • خۇشخۇي1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن مەرگەن يۇلتۇز تۈركىمگە كىردىكەن مەن

  • خۇشخۇي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەپەندىم نۇرداش 百度دىن星座دەپ ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ

  • گۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    سېترولۇق گىرىم قىلىپتۇ، چوقۇم ھۆسىن تۈزەتتى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ

  • گۈلبانۇم1 ھەپتە ئىلگىرى

    يۇلتۇز تۈركۈمىنى قانداق بىلەلەيمىز ؟ بىلىدىغانلار ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن ؟؟؟

  • مەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەھرىرلەر خاپا بولـماي يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايرىش بىلىملىرىنىمۇ بىر يوللىۋەتمەمسىلە.. بىزمۇ بىلۋالايلى

  • خۇشخۇي1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن 射手座، سىلەرچۇ،،،،،،،،،،،،،،، ،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号