باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10230يوللانما
1593مەستانە

24 يېشىدا زەردار ئائىلىگە كېلىن بولۇپ، يىلىغا بىر بالا يەڭگىپ مىلياردېرغا ئايلانغان ئايال

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 19:03 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاماشا چەمبىرىكىدە نۇرغۇنلىغان ئايال چولپانلار زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولدى. مەسىلەن، لى جياشىن شياڭگاڭ زەردارى شۈ جىخېڭغا، ياڭ زىجىڭ فارارى باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى تودتقا، لىن چىڭشيا قىممىتى 20 مىلياردلىق باي سودىگەر جىن لىيۈەنگە دېگەندەك... گەرچە زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمىسىمۇ، بىراق بۇنداق ئائىلىگە ياتلىق بولغانلىكى نىكاھنىڭ ھەممىسىنىڭ بەختلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولغان ئايال چولپانلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئارزۇسىدەك بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بۈگۈن بىزنىڭ سۆزلەيدىغىنىمىز، شۈ زىچىدۇر.

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زەردار كېلىن. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ پەقەتلا بىر «تۇغۇت ماشىنىسى». شۈ زىچىنىڭ قېينئاتىسى ئۆي-مۈلۈك ماگناتى لى جاۋجى بولۇپ، بىر قېتىملىق زىياپەتتە، ئۇ لى جاۋجىنىڭ ئوغلى لى جياچېڭنى ئۇچراتقاندا، لى جياچېڭ ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە ئۇنى قوغلىشىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن شۈ زىچى 24 ياشقا كىرگەن يىلى توي قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىمۇ ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر مىليارد يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلغانىكەن. ئەلۋەتتە، لى ئائىلىسىنىڭ پۇلى كەم ئەمەستە!

لى ئائىلىسىدىكى چوڭىدىن تارتىپ كىچىكىگىچە ھەممىسى كىچىك بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بولۇپمۇ، قېينئاتىسى لى جاۋجى تېخىمۇ ئامراق بولغاچقا، شۈ زىچىنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشىنى قوللاپ، ھەر يىلى بىر بالا تۇغۇلسا، 100 مىليون مۇكاپات بېرىپ، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنى سەپلەپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، شۈ زىچىمۇ لى ئائىلىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي، بىراقلا 4 پەرزەنتلىك بولۇپ، 2 ئوغۇل 2 قىزى بىلەن گۈلى-گۈلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن! ھەقىقەتەن قالتىس شۇنداقمۇ!

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئايال كىشى كۆز يورۇپ بولغاندىن كېيىن، تېزلا قېرىپ كېتىدىغان بولۇپ، كۆپ پەرزەنتلىك ئانىلار تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. بىراق ھازىرقى شۈ زىچىمۇ 34 ياشقا كىردى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئازىراقمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.

بىلمىدىم، بۇ خىل تۇرمۇش كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەمدىغاندۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号