باش بەت

AbdullahDev

78يوللانما
1مەستانە

BMW جۇڭگودىكى Mini ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىغا بەرمەكچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:21 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا پەن-تېخنىكا تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى گېرمانىيە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى BMW بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بۈگۈن سەھەردىكى خەۋەردە چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى شىياڭگاڭ سودا مەركىزىدە پاي چېكىنى توختاتقان. ئەھۋالدىن خەۋاردار زاتنىڭ بىلدۈرىشىچە، BMW جۇڭگونىڭ Mini ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چاڭچىڭ ئاپتوموبىلچىلىقىغا بەرمەكچى ئىكەن.

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان مەلۇم بىر كىشى BMW پات ئارىدا Mini ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرش كەسپىنى كېڭىشىش ئارقىلىق چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ SUV ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ بىرى.

ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان كىشى يەنە بىلدۈرۈپ، ئىكككى شىركەت Mini ماركىسىدىكى ئاپتوموبىللارنى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش مۇمكىنچىلىكنى ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەن. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم سۆھبىتى تېخى ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر كىشى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ باشقا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولۇپ، پەقەت شىركەتنىڭ پات ئارىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. BMWنىڭ جۇڭگودىكى باش شىركەت ۋاكالەتچىسىمۇ مۇخبىر ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن يوللىغان ئېلخەتكە جاۋاپ قايتۇرمىغان.

چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى شىياڭگاڭ سودا مەركىزىدە پاي چېكىنى توختاتقان، بۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىككى شىركەتنىڭ ھەمكارلىقىغا دىققىتىنى قوزغىغان. چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ پاي چېكى توختىتىلىشتىن بۇرۇن %14 ئۆسكەن ئىدى. BMW يېقىندا خۇاچېن ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ جۇڭگودا ھەمكارلىشىپ يەرلىكتە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنى ماقۇللىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن كەلدىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنى بولغاندىكىن ياۋائات مىنىنىڭ رەسىمى چىقسا بولاتتىغۇ ئا رەسىمدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号