باش بەت

ئادىلجان

6369يوللانما
56مەستانە

سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى ئۆرلەپ رېكورت ياراتتى، بازار قىممىتى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 19:30 25 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كورىيە ئالغا گېزىتى»نىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پاي بازىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مالىيە دوكلات پەسلىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ ئۆزەك كارخانىلىرىنىڭ پاي باھاسى بۇ خەۋەر تەسىرىدە ئۆرلەپ، يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى تارىخىي رېكورت ياراتقان. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى باھاسى بۇ شىركەتلەرنىڭ پەسىللىق پايدىسىنىڭ يېڭى رېكورت يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان. 

سامسۇڭ ئۆزەك زاۋۇتى


سامسۇڭ ئېلېكترونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك تەمىنلەش كارخانىسى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى 11-ئۆكتەبىر تۇنجى قېتىم 2.7 مىليون ۋونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بازار قىممىتى 353.2 تىرىليون ۋون (تەخمىنەن ئىككى تىرىليون 56 مىليارد يۈەن)گە يەتتى. 

يەرلىكتىكى ئاكسىيە سودىگەرلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سامسۇڭنىڭ 3-پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسى 14.3 تىرىليون ۋون (تەخمىنەن 83.2 مىليارد دوللار)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %175.7 ئاشىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 吾苏甫江1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان ھاھاھاھاھا ھاھاھاھاھا كۈلكە بولا مۇشۇنداق بولا (كۆلۈپ تىلقىپ قالغان چىراي ئىپادىسى )

  • ماقۇل يىڭى ئىسمىنى كىرگۈزەي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنكاسچىلا سۈرخان تاغ ئوغلى سۈۋەرەك سەكسەن خالتا بۇدەك قىز شاش بۇلاكىم بىر ئادەم مىنىڭ كاللامدىكى پىرسۇناجلا ئەمدى ھەيران قالماڭلا

  • لالە1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇغقانلار سۈرىخان دىگەن ئىسمنىڭ مەنىسى نىمە ؟؟؟؟

  • سىرلىق گۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    يۇمۇردە بۇ ئىنكاسلا يۇمۇر، ئەجەپ كۇلۇپ كەتتىم دىسە، ئۇف ۋاييەي

  • 136******011 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە سامسۇڭ كورىيە ئىقتىسادىنىڭ 25%نى ئىگىلىگەندىكىن سامسۇڭنى ئالمىدىن كۈچلىكمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۈزەمچە

  • ئابدىرەيىمجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما سۈرخان نى قاندا راق بىر زاتتۇ دەيتتىم ھەنىم بوسا قىز بالىكەن بىر تەرپىنى بوسىمۇ بىلدىم .

    شىپالىق بىرە دەيمەندە

  • ئايپەد پىرو1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ھاياجانلانماڭلا سامسۇڭچىلا 2 تىليۇن يۈئەن دىگەن 295 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ يەنىلا ئالما شىركىتىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ

  • تەنھائەلىي1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىنى باشلاڭ سۈرخان نۆۋەت سىزنىڭكى

  • مۇساپىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ دەرھال سۈر پاتەمنى ئويلىغانتىم ھەراس سىز قىيمىلىق سامسىنىڭ پايچىكىمۇ؟

  • يالغۇززز1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنغۇ بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى كۈرەپلا سۇرخان نى ئويلاپ قالدىم بوپ پەدىدە ئۇنىڭغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号