باش بەت

دىل بايان

891يوللانما
79مەستانە

جۇڭگو نېفىتى بىلەن نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ قايسىسىنىڭ مېيى بەكرەك كۆيىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:25 1 ئىنكاس چۈشتى

ئىلگىرى ئاپتوموبىلىم يوق ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ موتسىكلىت مىنىۋالغىنىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەۋەس قىلغان، كېيىن موتسىكلىتىم بولغاندا ئاپتوموبىلى بارلارغا ھەۋەس قىلىدىم، كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئاپتوموبىلى بولغاندا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن بېقىش يامان تەسكەن، باشقا ئاسراش ھەقلىرىنى دېمەي تۇراي، ئاددىيسى بىر ئايلىق ماي پۇلىمۇ خېلى بىر يەردە بار. شۇنىڭدەك، بارا-بارا بەزى ئاپتوموبىلى بارلار جۇڭگو نېفىتى بىلەن نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ مايلىرىنى ئوخشاش قاچىلىسا، نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ مېيىنىڭ بەكرەك ئۇزۇن يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. 

جۇڭگو نېفىتى ۋە جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى دۆلىتىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى، جەنۇب تەرەپتە كۆپىنچە كىشىلەر جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ مېيىنى ئىشلىتىدۇ، شىمالدىكى كىشىلەر بولسا جۇڭگو نېفىتىچىلىكىنىڭ مېيىنى ئىشلىتىدۇ، ئۇلار ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بازار ئىگىلىگەن بولۇپ، ئانچە چوڭ باغلىنىشىمۇ يوق. (ھە، ھە، قارىغاندا مەن شىماللىق ئوخشايمەن)

بەزى ئىنچىكە شوپۇرلار بۇ ئىككى خىل مايغا نىسبەتەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، بەزى شوپۇرلار ئوخشاش مىقداردا ئىككى خىل ماينى ئايرىم-ئايرىم قاچىلاپ كۆرۈپ، قايسى ماينى قاچىلىغاندا نەچچە كىلومېتىر ئوشۇق ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلىغان، بىراق بۇ پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارشى. ئىككى كارخانىنىڭ مىيىغا ئارلاشتۇرغان خۇرۇچلىرىمۇ ئوخشىمىغانلىقتىن ماينىڭ قويۇقلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قويۇقلىقى يۇقىرى ماي تەبئىيلا ئۇزاقراق يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماينىڭ ئىشلىتىلىش مۇھىتىغىمۇ قاراش كېرەك.

2017-يىلىدىن كېيىن بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ماي تەركىبى بارغانسېرى يېقىلاشتى، ئاساسلىقى 98،95 ۋە 92-نومۇرلۇق مايلار ئەسلىدىكى 97-93 ۋە 90-نومۇرلۇق مايلارنىڭ ئورنىنى ئالدى، يەنى دۆلتىمىز ئاللىبۇرۇن دۆلەت بەشىنچى دەرىجىدىكى ئۆلچەملىك ماينى ئىشلىتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويدى.

دۆلەتنىڭ بەشىنچى دەرىجىدىكى ئۆلچەملىك ماينى ئىشلىتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويىشىغا ئەگىشىپ، توردىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر تارقىلىشقا باشلىدى، مەسلەن ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا چىرىغىنىڭ سەۋەبسىز يېنىۋىلىشى، ئاپتوموبىل بوش خوتتا تىتىرەش، ئاپتوموبىلنىڭ كۈچى تۆۋەنلەش... بۇ ماينىڭ ئوكتان قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، توردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم كىچىك مەسىلىلەرگە ئىشىنىپ قالغان شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن كەلدىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ 93لىك مىيىم يوق بولغاندىن تاتىپ ماشىنام خىنىم مىجەز بوپقلىپ ناخشا تولايدىغان بولۋالدى ،سەن نەدە 93لىك ماي مەن ئىزلەپ باراي ،ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى ياراي،،ھۇ ھۇ ھۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号