باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9586يوللانما
666مەستانە

بىر پۈتۈن ئۆمرىنى مېي يەنفاڭنى دوراشقا ئاتىۋەتكەن ئايال - جاڭ لى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:31 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جاڭ لى «چولپان يۈزلۈك» ئارتىس. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ئالەمدىن ئۆتكەن چولپان مېي يەنفاڭغا قاتتىق ئوخشىغانلىقتىن سەنئەت يولىغا قەدەم قويغان. ئۇ مېي يەنفاڭغا تېخىمۇ ئوخشاش، تېخىمۇ ياش كۆرۈنۈش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، تەخمىنەن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ھۆسن تۈزىتىپ، ئادەتتە يۈزىنى تولۇقلاش ۋە قاڭشارىنى ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدۇ.

يەنە كېلىپ، ئۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم چېچىنى بويىتىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق چاچ بوياشقىلا، 3،4 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىدۇ. بەزىدە، ئۇ ھەتتا ئالدىنقى كۈنى ھۆسن تۈزىتىپ، كېيىنكى كۈنىلا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويىدۇ. ئۇ ئۆزىنى «چولپان يۈز ساھەسىدىكى جېنىنى سەپ بەرگۈچى» دەيدۇ. ئۇ «دورامچۇق ئارتىس» بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم ئەڭ يۇقىرى پەللىدە دوراش، بولۇپمۇ، چىرايىنى كەم-كۈتىسز قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

10-ئۆكتەبىر، مېي يەنفاڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، جاڭ لىمۇ بۇ بىر كۈننى بايرام قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. 10-ئۆكتەبىر ھارپىسىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ھۆسن تۈزەش دوختۇرخانىسىغا كىرىپ، ھۆسن تۈزىتىپ «تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى». جاڭ لى بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بولۇپ، خېيلوڭجياڭ خاربېندىن. مېي يەنفاڭغا قاتتىق ئوخشايدىغان ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە يول ۋە كۆۋرۈك ياساش كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن، ئۇ تاشيول تەكشۈرۈش ئۆلچەش-سىزىش ئورنىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش خادىمى بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق قۇرۇلۇش ئايالى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چولپان چىرايىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەدىيەسدىن دەپ قارايدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خىزمەتداشلىرى ئۇنى شياڭگاڭ چولپىنىغا ئوخشىتىدىغان بولغاچقا، ئۆزىمۇ كېيىن مېي يەنفاڭغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلگەن. جاڭ لىنىڭ ئەسلىشىچە، 2005-يىلى جەنۇبتىكى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ماھىرلارنى تاللاش پىروگىراممىسىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ پەقەتلا سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسغا سۈرىتىنى يوللىغان.

نەتىجىدە ئۇ ئوڭۇشلۇق تاللانغان. بىراق ئىلگىرى ھېچقانداق ناخشا ئېيتىپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭ نومۇرلىرىمۇ ئادەتتىكىچىلا ئىدى. يەنە كېلىپ، سەھنىدە تۇرسىلا جىددىيلىشىدىغان ئۇ ھەتتا ناخشا ئېيتقاندىمۇ تىتىرەپ كېتەتتى. باھالىغۇچى ئۇستازلار ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن: «سىز مەن ئۇچراتقان مېي يەنفاڭغا ئەڭ ئوخشايدىغان ئايال، خۇددى مېي ئاچىمىزنىڭ موم ھەيكىلىدەكلا، بىراق موم ھەيكەل تىتىرىمەيدۇ، لېكىن سىز ئىزچىل تىترەۋاتىسىز». گەرچە تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا، ئۇ ئىنتايىن جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، بىراق شۇ قېتىمدا ئۇ سەھنىدىكى تۇيغۇنى ياقتۇرۇپ قالدى.

پىروگىراممىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپ، خاربېندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مەقسەتلىك ھالدا مېي يەنفاڭنى دوراشنى ئۆگەندى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ سەنئەت ھاياتىنى باشلاپ، مېي يەنفاڭنى دورايدىغان ئويۇنلارغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. «ئۇ ۋاقىتتا مەن يەنىلا تاشيول تەكشۈرۈش ئۆلچەش-سىزىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقاچقا، ئويۇن قويۇش ئۈچۈن، دائىم رۇخسەت سوراۋەرسەم، رەھبەرلەر ئانچە خالىمايدىغان بولدى»، دېدى، ئۇ. 10 يىل ئىلگىرى جاڭ لىنىڭ ئويۇن قويۇش ھەققى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ھەتتا خىزمەت ئورنىدىكى مائاشىغىمۇ يەتمەيتتى. بىر تەرەپتە خىزمەت ئورنىدىكى «تۆمۈر تاۋاق»، يەنە بىر تەرەپتە، ئۆزى ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان سەنئەت كەسپى، جاڭ لى ئەڭ ئاخىرىدا كەينىدىكىسىنى تاللىدى. 2010-يىلى ئۇ خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، پۈتۈن كۈنلۈك «چولپان يۈزلۈك» ئارتىسلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ يىلى، ئۇ ئۇزۇن چېچىنى كېسىپ، ئاق رەڭگە بويىدى، ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى جاپالىق مەشىق قىلدى.

بەزىدە، ئويۇننىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ھۆسن تۈزىتىپ ئەتىسلا ئويۇن قويىدىغان بولۇپ، ھۆسن تۈزەشكە قارىتا، جاڭ لى ئەزەلدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمىدى. ئۇ مېي يەنفاڭ مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئادىمىم، گەرچە ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىساقمۇ، بىراق مېي يەنفاڭ خۇددى ئاچامغا ئوخشاش، ئۇ مېنىڭ سەنئەت ھاياتىغا قەدەم قويۇشۇمغا تۈرتكە بولدى، مېنىڭدە تېخىمۇ ئىشەنچ تۇرغۇزدى. مەن ئاچامدىن ئۆگىنىشم كېرەك، مەيلى سىرتقى قىياپىتىمدە بولسۇن ياكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا بولسۇن، دېدى.

مۇشۇنداق قىلىپ، بىر ئۆمۈر دوراپ ئۆتۈپ كەتمەكچىمۇ؟ جاڭ لىنىڭ جاۋابى بولسا، شۇنداق. دەسلەپتە، مېي يەنفاڭنى دورىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ئىنكار قىلغان ئاۋازلارمۇ بولغان ھەتتا بىر قىسىم مېي يەنفاڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ: «سەن ھەتتا مېي يەنفاڭ ھەدىمىزنىڭ بىر تال پۇت بارمىقىچىلىكمۇ ئەمەس»، دېگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرگە قارىتا جاڭ لى ئەزەلدىن پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇ مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، نېمىلا دېگەنبىلەن، ئۆزنىڭ ھەقىقىي مېي يەنفاڭ ئەمەسلكىنى بىلدۈردى.

جاڭ لىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر قېتىم شەنشى شىئەندە ئويۇن قويىۋاتقاندا، رىياسەتچى مېي يەنفاڭنىڭ يېقىن دوستى زېڭ جىۋېي بولۇپ، ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، جاڭ لىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ: «قەدىناس دوستۇم، بىز يەنە كۆرۈشتۇق، نېمىدىگەن تەسىرلىك!»، دېگەن. ئۇنىڭ دېيشىچە، ئۇ بىر ئالەمدىن ئۆتكەن چولپاننى دوراپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن زور شەرەپ ھېس قىلىدىكەن. جاڭ لىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر پۇرسەت بولسا، ئۇ مېي يەنفاڭنىڭ قازا قىلغانلىقىغا 15 يىل بولغان كۈندە، تەقلىدىي مېي يەنفاڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئالەمدىن ئۆتكەن مېي ئاچىغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈبىھى جانان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بالياتقۇ راكى بىلەن ئادەتتە ئاياللارنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولسا بالياتقۇغا تەسىر قىلىپ مۇشۇنداق بالياتقۇ كىسەللىرى كۆرلىدىكەن شۇڭا خانىم قىزلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئازادە تۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن مىيەنفاڭنىڭ نۇرغۇن پۇلى بولسىمۇ كېسەل بوپ قالغاندا ئەسقاتمىغان مىيەنفاڭنىڭ ئانىسىنىڭ مىجەزى ماڭا قەتئى ياقمايدۇ قىزى ئۆلەپ قالسىمۇ پۇل خاپىلىقىدا بولمىسا ھەر ئايدا يەتكۈدەك پۇل بىرىپتىكەن يەنىمۇ تەپسىلى بلىشنى خالايدىغانلار نۇرتورى ئىزدەشتە مىيەنفاڭ دەپ باساڭلار بۇلىدۇ

  • نازۇك ٸاي1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇرداشلار ياخشمۇ سلەر ھەممڭلارنڭ مۇشۇ ۋاختى
    خەيرللك بولسۇن مييەنفاڭ زادى نمە سەۋەپتىن
    ئۆلگەن بىلدغانلار ئازراق چۈشەنچە بەرسڭلار
    بوپتىكەن رەھمەت

  • *~قارا كۆز~*1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاخپارات ۋاستىللىرى مىي يەنفاڭنىڭ ئۆلۇمىدىن قاتتىق ئىچىنغان جاڭ گۇرۇڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالغان دەپ ئۇيلايدىكەن.( تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم)

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号