باش بەت

مەستان

245يوللانما
5مەستانە

زادى ئاياللار ئاسان زۇكام بولامدۇ ياكى ئەرلەرمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 22:07 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل قىشتا، سىزنىڭ يولدىشىڭىز ياكى ھەمراھىڭىز ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىغا بولغان كونتروللىقىدىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغان بولدى، چۈنكى ئاياللار ئادەتتە ئەرلەردىن بەكرەك توڭلايدۇ. ئاياللار تېنىدىكى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى قول-پۇتلارغا ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ ئىچكىي يادرو قىسمىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن ئۆي ئىچىدە، ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلگەن تېمپراتۇرا بەلكىم ئەرلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئىسسىق بىلىنىشى مۇمكىن.

ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاياللار يۇقىرى بولغان مەركىزى تېمپېراتۇرىغا ئىگە، چۈنكى ئاياللار تېنىدىكى ماي تەركىبى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرلەر تېنىدىكى مۇسكۇللار بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا ئىسسىقلىقنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتالايدۇ ۋە سوۋۇتۇش ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر تېز بولىدۇ، بۇ ئەرلەر تېنىدىكى ماددا ئالمىشىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ماددا ئالمىشىش يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ، نەپەس ئېلىش، ئايلىنىش ۋە ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. كۆپ ۋاقتىنى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالمىشىش ئەرلەرنىڭكىدىن %35 تۆۋەن بولىدۇ، بۇ بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن توڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئانىلىق ھورموننىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆپتۈرۈش رولى بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بەدەندىكى ئىنچىكە قان تومۇرلاردىن ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بولۇپمۇ قول، پۇت ۋە قۇلاقتىكى قان تومۇرلار. ئانىلىق ھورمۇن تارماق قان-تومۇرلارنى زۇكامغا قارىتا تېخىمۇ سېزىمچان قىلىۋېتەلەيدۇ. ئادەتتە ئايالارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇراسى 36.9دىن 37.4كىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالغۇيدۇ. ئەرلەرنىڭ بەدەن تېمپراتۇراسى بولسا 37 گرادۇستا بولىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ بەدەن تۈزىلىش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا بولغان سېزىمچانلىقى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بولسا، ئەرلەر كۆپ نىسبەتتە مۇسكۇلغا، ئاياللار بولسا كۆپ نىسبەتتىكى ماي قەۋىتىگە ئىگە. لېكىن ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ھورمۇنى تېرە قان تومۇرلىرىدا سوغۇققا بولغان سېزىمچانلىقىدىن كۆرۈنەرلىك يىغىلىش ئالامىتى كۆرۈلۈشىنى كۈچەيتەلەيدۇ.

تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ئادەم بەدىنى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىگە كەلگەندە، ئادەم بەدىنى بۇنىڭغا تەبىئىيلا ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ۋە قان ئايلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى پەرق تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇللار ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولغاچقا، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ئاياللارنىڭكىدىن تېز بولىدۇ؛ ئەرلەرنىڭ تېرىسىدىكى «سېنزورلار» ئاياللارنىڭكىدىن ئاستىراق بولۇپ، قان ئايلىنىشنىڭ چېكىنىپ تۇرۇش سۈرئىتى ئاياللارنىڭكىدن كۆپ ئاستا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا ئەرلەرنىڭ تېنى ئىسسىق تۇرسىمۇ، لېكىن ئاياللار ئاللىبۇرۇن توڭلاپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، قورساقنى ياخشى تويغۇزغاندا زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قورسىقىمىز ئېچىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزنىڭ زۇكامغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. بىز ساغلام ۋە داۋاملىق ئوزۇقلانغىنىمىزدا، قەرەللىك ھەزىم قىلىش، مۇقىم بولغان قاندىكى قەنت مىقدارى ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان قان مىقدارىغا تايىنىپ ئىسسىقلىق پەيدا قىلالايمىز. 2008-يىلى ئامېرىكا ئالىملىرى ئوخشىمىغان يېمەكلىك ئادىتىگە بولغان تەتقىقاتىدا بايقىشىچە، ئەرلەر كۆپرەك قىزىل گۆش، ئىسسىق تاماق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىدىكەن، ئاياللار بولسا كۆپرەك كۆكتات ئىستېمال قىلىدىكەن. ئوخشىمىغان يېمەكلىكنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا قارىتا زەنجىرسىمان تەسىرى بار، بولۇپمۇ كاپزائىتسىن دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيىۋىلىك ماددا ئادەم بەدىنىدە ئىللىقلىق ھاسىل قىلالايدۇ.

بەدەننىڭ ئايلىنىش سېستىمىسى ئەمەلىيەتتە بىر يۈرۈش ئىنچىكە ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سېستىم، شۇڭلاشقا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بۇ سېستىمىنى ياخشى ئاسراش، قان مىقدارىنى نورماللاشتۇرۇش! ئەلۋەتتە، خانىم-قىزلار قىش پەسلىدە توڭلاپ زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە يېمەكلىكمۇ ناھايىتى مۇھىم. ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق گۈزەللىكنى قوغلىشىپ يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتماسلىقىمىز ۋە سوغۇق مۇھىتتا نېپىز كىيىنمەسلىكىمىز كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ ئوڭاي زۇكام بولۇپ، بەدىنىمىز تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.           

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号