باش بەت

del103

2149يوللانما
48مەستانە

تۆت كامېرالىق، پۈتۈن ئېكرانلىق نۇبىيا Z17S يانفونى ئېلان قىلىندى: 2999 يۈەن

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇبىيا (Nubia) شىركىتى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن شېنجېندا يېڭى ئەۋلاد بايراقدار ئەقلىيفونى Z17S نى ئېلان قىلدى، «پۈتۈن ئېكران 2.1» ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىشلەنگەن Z17S يانفونىغا پەرق ئېتىشچانلىقى 1080×2040 بولغان 5.73 دىيۇملۇق رامكىسىز پۈتۈن ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئېكران يۈز نىسبىتى %90.36گە يتىدۇ.

باشقا قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، نۇبىيا Z17S يانفونىغا سنەپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6/8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64/128GB لىق ساقلاش بوشلۇقى، 3100mAhلىك باتارېيە، Type-C ئۆلچىمىدىكى تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ئېغىزى ۋە 26W لىك تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىگۈچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

كامېرا ئىقتىدارىغا كەلسەك، بۇ يانفوننىڭ ئارقىسىغا 23 مىليون پىكسېللىق ۋە 2×12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئىشلىتىلگەن، ئالدى تەرىپىگە بەش مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئورنىتىلغان.

باھاسىغا كەلسەك، بۇ يانفوننىڭ 6GB RAM+64GB ROMلىك نۇسخىسى 2999 يۈەن، 8GB RAM+128GB ROMلىك نۇسخىسى 3999 يۈەن بولۇپ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نۇبىيا ئورگان تورى، جىڭدوڭ تورى، سۇنىڭ تورى، تىيەنماۋ تورى قاتارلىقلاردا ماس قەدەمدە بازارغا سېلىنىپ، 19-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00دە رەسمىي سېتىلىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى نۇبىيا Z17S يانفونىنىڭ سۈزۈك سۈرەتلىرى:


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号