باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10830يوللانما
835مەستانە

21 ياشلىق ئىستۇدېنت «قوش ئېڭىكى» بىلەن پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 20:38 7 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مىچېل ۋيېنادىكى چەتئەللىك ئىستۇدېنت بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشقا كىردى. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىدىكى «سۈرەت ئالدامچىلىقى»غا چىداپ تۇرالماستىن، «تورنىك تارتىش» دەپ ئاتىۋالغان سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلىدا بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ئىجاد قىلدى. بۇنىڭدا، ئۇ ئېڭىكىنى ئېكراننىڭ ئالدىغا يېقىن كەلتۈرۈپ، ئاسمانغا قاراپ سۈرەتكە چۈشىدىغان بولۇپ، قاپ يۈرەكلىك بىلەن ھەقىقىي ئۆزىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا باتۇرلۇق بىلەن مۇكەممەل ئوبرازىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ ئەركىن ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىمارەت ياكى ئەڭ داڭلىق كوچىلاردا «تورنىك تارتىش» تۇرقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئوپچە سۈرىتىنى تارتتى.

مىچېل مۇنداق دېدى: «تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ مەزگىللىرىمدە، بۇ تۇرقۇم دوستلىرىمنى ئىنتايىن خۇشال قىلاتتى، شۇڭا مەن بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم».

«ھەمىشە بىر قىسىم كىشىلەر ماڭا دىققەت قىلىدۇ، بەزىلەر ئىنتايىن ھەيران قالسا، يەنە بەزىلەر گاڭگىراپ قالىدۇ، بىراق كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ».

مىچېلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ «ئېڭەك داڭدارى» بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

بۇ مىچېلنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر پارچە سۈرىتى بولۇپ، سۈرەتتە، 4 يولۇچىلار خادىمى قارىماققا ئىنتايىن خۇشال ئىكەن. مىچېلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى تارتقاندا، ئۇلارمۇ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن بۇ خىل سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان. مىچېلنىڭ بۇ سۈرەتلىرى «سۈرەت ئالدامچىلىقى» دەۋرىدە ياشاۋاتقان ھەربىرەيلەنگە پەقەت ھەقىقىي ئۆزى بولۇپ ياشىغاندىلا، ئاندىن «ئاخسا» بولىدىغانلىقىنى ئويلاتماي قالمايدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • شامال2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە كۆپىنچىسى يالغان، نەدىمۇ دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە بېرىپ بولغىلى بولسۇن، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئاتايىن تورغا چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش كىتەمدڭ

  • ئەپەندى2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئۇستىدىكىلەر بۇنىڭدا دىمەك بولغىنى رەسىمگە تەبىئى راس ھەقىيقى رۇشەن دىمەكچى توردۇنياسىدىكى بەزى بىر ساختا رەسىمگە چۇشىدىغانلارغا ساۋاق دىمەكچى

  • ئابلىز،سەتتار2 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭ تۈگەپ قاسا كىم قىلىدۇ بۇ ئىشلانىىى

  • گۈلسەنەم2 ئاي ئىلگىرى

    تۆۋە . بەزىلەرنىڭ قىمماس قىلقى يوق . ئەمما خەق قىغاننى قىممىغان روھىغۇ ياخشى ...

  • ئومەر2 ئاي ئىلگىرى

    سەت چۇشسمۇ داڭ چقېرامدا ئەمدې

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاخسا ئەمەس بىر خىل رۇەي

  • ئويلان2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايتى ساراڭلىق ئىش قىپتۇ شۇمۇ ئىشمۇ ئەمدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号