باش بەت

TLLAATM

111يوللانما
13مەستانە

تۈزۈمنىڭ قۇدرىتى: سىزگە بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان تۆت ھېكايە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 00:00 3 ئىنكاس چۈشتى

تۈزۈمنىڭ قۇدرىتى: سىزگە بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان تۆت ھېكايە

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى 

بىرىنچى ھېكايە: لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ پاراشۇتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.9 ئىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر مىڭ نەپەر پاراشۇتتىن سەكرەش خادىمىنىڭ ئىچىدە بىرى پاراشۇت لاياقەتلىك بولمىغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەن گەپ. ھەربىي تەرەپ ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتقا چوقۇم %100 لاياقەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن زاۋۇت رەھبەرلىرى بولسا «پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى چىقاردۇق، %99.9 بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىمىز، بىرەر مۆجىزە يۈز بەرمىسە ئۇنىڭدىن ئاشۇرالمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىي تەرەپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى: ھەر بىر قېتىم مال تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن مالنىڭ ئىچىدىن خالىغانچە بىر نەچچىنى تاللاپ، زاۋۇت مەسئۇلىنى پاراشۇتتىن ئۆزى سەكرەپ پاراشۇتنىڭ لاياقەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۆجىزە يۈز بەردى، پاراشۇتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

ئىككىنچى ھېكايە: پۇل تۆلەش ئۇسۇلى

ئەنگلىيە ئاۋسترالىيە قىتئەسىنى مۇستەملىكىگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەر يېرى كەڭرى ئادىمى ئاز، ئېچىلمىغان جاي بولغاچقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى ئۇ يەرگە كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. لېكىن ئاۋسترالىيە قىتئەسى ئىنتايىن قالاق، تەرەققىي قىلمىغان جاي بولغاچقا ھېچكىم بېرىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت مۇنداق ئامالنى ئويلاپ چىقتى: جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيەگە ئاپىرىۋېتىش. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە تۈرمىلىرىدە ئادەم تولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكى كىشىلەرنى يىراققا ئاپىرىۋەتكەندىن كىيىن ئەنگلىيە تېخىمۇ ياخشى ماكانغا ئايلىنىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شەخسى پاراخوتلارنى ياللاپ جىنايەتچىلەرنىلا توشۇپتۇ، قاچىلىغان ئادەم سانىغا ئاساسەن پۇل تۆلەپتۇ، دېمەك قانچە كۆپ توشۇسا شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن. ناھايىتى تېزلا بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئىنتايىن زور زىيانلىق تەرىپى بار ئىكەنلىكى بايقىلىپتۇ، يەنى بۇنداق توشۇغاندا جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن، %10تىن ئېشىپ كېتىپتۇ، ئېغىر بولغاندا %37كە يېتىپتۇ. جىنايەتچىلەرنى توشۇش جەريانىدىكى ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاپ چىققان بولسىمۇ تۈزۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ.  ئەڭ ئاخىردا، ئۇلار كېمىچىلەرگە پۇل تۆلەش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپتۇ، يەنى كېمىگە چىققان ئادەم سانىغا پۇل بېرىشتىن كېمىدىن ساق چۈشكەن ئادەم سانىغا ئاساسەن پۇل بېرىشكە ئۆزگەرتىپتۇ. كېمە جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيەگە ساق ئاپارسا ئاندىن پۇل تاپالايدىغان بولۇپتۇ. 

يېڭى تۈزۈم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى شىددەت بىلەن %1كە چۈشۈپتۇ. كېيىن كېمىچىلەر جىنايەتچىلەرنى ساق توشۇش ئۈچۈن كېمىلىرىگە دوختۇرلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

ئۈچىنچى ھېكايە: سۇ تارتىدىغان تەرەت تۇڭىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى

ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئالىي دەرىجىلىك  مېھمانخانىدا، ياتاقتىكى تەرەت تۇڭىنىڭ تازىلىقى ئۆلچەملىك بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى: تازىلىغۇچى ئۆزى تازىلىغان تەرەت تۇڭىدىن بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ ئىچىپ بېرىدۇ. بۇنداق يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىنىدىغان تەرەت تۇڭىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پاكىز بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيسىز.


تۆتىنچى ھېكايە: شوۋىگۈرۈچنى تەقسىملەش تۈزۈمى

يەتتە ئادەم بىللە تۇرىدىكەن، ھەر كۈنى بىر چېلەك شوۋىگۈرۈچنى بۆلۈشۈپ يەيدىكەن. ھەيران قالارلىقى شوۋىگۈرۈچ ھەر كۈنى يېتىشمەيدىكەن. دەسلەپتە، ئۇلار ھەر كۈنى بىردىن ئادەم شوۋىگۈرۈچنى تەقسىملەشنى بېكىتىپتۇ، ھەر كۈنى بىردىن ئالمىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم پەقەت ئۆزى شوۋىگۈرۈچ تارقاتقاندىلا قورسىقى تويىدىغان بولۇپتۇ. كىيىن ئۇلار ئەخلاقى ياخشى بىرىنى شوۋىگۈرۈچ بۆلۈشكە سايلاپتۇ.چوڭ ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىسا، ئېنىقلا چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەممە كىشى ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشقا باشلاپتۇ، بىر-بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كوللېكتىپ ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 3 كىشىلىك شوۋىگۈرۈچ تارقىتىش ھەيئىتى 4 كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى قۇرۇپ چىقىپتۇ، لېكىن بۇ باھالاشلاردىن توختاپ شوۋىگۈرۈچ ئىچكۈچە شوۋىگۈرۈچ مۇزلاپ كېتىپتۇ.

ئاخىرى مۇنداق بىر ئامالنى ئويلاپ چىقىپتۇ: ئالمىشىپ شوۋىگۈرۈچ بۆلىدىغان بولۇپتۇ، لېكىن شوۋىگۈرۈچنى بۆلگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ھەممىسى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئاشقىنى ئىچىدىكەن. ئۆزى ئىچكەندە ئەڭ ئاز شوۋىگۈرۈچ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم ئامال بار ھەممە قاچىغا ئوخشاش تاماق ئۇسۇشقا تېرىشىپتۇ. 

شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى خۇشال-خۇرام، بىر-بىرى بىلەن ئىجىل ئىناق ئۆتۈپتۇ. 

ئوخشا ئادەملەرگە، ئوخشىمىغان تۈزۈمنى قوللانسا، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە پەرقى زور بولغان نەتىجىنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ، تۈزۈمنىڭ قۇدرىتى! 

بىر ياخشى تۈزۈم ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى يامان ئوي-پىكىرنى توسۇپ قالالايدۇ، شۇنداقلا بىر ناچار تۈزۈممۇ بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل ئىستەكلەرنى قاماپ قويالايدۇ. بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەنپەتىنى بىرىكتۈرگەن تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقسا، مەيلى شىركەتتىكى بولسۇن ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى بولسۇن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ!

ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىشتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈنىدار سالونى پاش قىلىنىپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ 

تىللا پۇل مۇئامىلە ئاپاراتىنى ئورناتسىڭىز تولۇقلىما ياردەم پۇلىىغا ئىرىشەلەيسىز

جۇڭگو خەلق بانكىسى قارمىقىدىكى بانكا بىرلەشمىسى باش شىركىتى بىلەن شاڭخەي «تىللا» ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن–تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىشىپ يۈرگۈزۈۋاتقان «تىللا» ماركىسىدىكى ئاپتوماتىك (ATM) ئاپپاراتى رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان بىر يىل ئىچىدە ئاپپارات ئورناتقۇچىلار 280 نەپەرگە يېتىپ، كۆلەم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم شەكىللەندۈردى.

شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت  06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا  

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

باش شىركەت ئىشخانا تلېفون نومۇرى :021-50902093

ئۈرۈمچى تىجارەت مەركىزى 2320220 -0991

ئاقسۇ تارماق شىركەت مەسئۇلى  : 17699174285

قەشقەر تارماق شىركەت مەسئۇلى : 13309981011

خوتەن تارماق شىركەت مەسئۇلى : 13399033639

18140766770 نازارەت تېلېفۇنى


باش سۈرەت تاللاش x
  • جاھانگىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    تىللا شىركىتىگە رەھمەت شوگۇرۇچ بىلەن ئاۋىستىرالىيەگە جىنايەتچى يوتكەش ھىكايىسى بەك ياخشىكەن ،،،

  • °Talk1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق مۇككەممەللىكنى سىلەرمۇ قوغلىشامسىلەر،ئۆزى تازلىغان تەرەت تۇڭنىڭ سۈينى ئىچىدۇ دەيتا، پاكىزلىقنىڭ يۇقۇرى پەللىسى…

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلان بەك پەيزە قىستۇرلۇپتۇ ... ھاھاھا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号