باش بەت

ئىدىقۇت887

6622يوللانما
9مەستانە

نىگېرىيەدىكى نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنىمۇ ئىشلىيەلمىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 21:26 5 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان كادۇنا شىتاتى (Kaduna) دىكى نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىناق ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتەلمىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلايدىكەن.

      

كادۇنا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ناسىر ئەلرۇفاي (Nasir El-Rufai) مەزكۇر ئىشتاتنىڭ مەركىزىدە دۇنيا بانكىسى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئىشتاتتىكى 21780 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىناق ئىمتىھان سوئالىدا 75 نومۇرمۇ ئالالمىغانلىقىنى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتكۈل ئىشتاتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەرلىك تاراتقۇلار  خەۋەردە ئىشتات باشلىقى ناسىر ئەلرۇفاينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پات ئارىدا 25 مىڭ نەپەر ياش، لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولۇپ قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا سەپلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىش مەزكۇر شىتاتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئىززەت-ئابرويىغا بېرىپ تاقىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىشتاتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئېغىر ھالدا تەڭپۇڭسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. قىسمەن رايونلاردا، 9 ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى توغرا كەلسە، يەنە بەزى رايونلاردا 100 ئوقۇغۇچىغا ئاران بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى سەپلەپ بېرىلگەنىكەن.




باش سۈرەت تاللاش x
  • دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزدىمۇ توشاققۇ بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار....

  • °Talk1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ مۇشۇ رايۇنلاردىمۇ سىناپ باقسا دەپ ئويلايمەن، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى سائەت قايسى دەرىسنى ئۆتكەنلىكنى بىلمەي كىرىپلا قايسى دەرىسنى ئۆتكەن دەيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردەك

  • سىنتاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مائارىپ قوشۇنىدىكى لاياقەتسىزلەرنى شاللىمىغاندا،كەلگۈسىدە تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىشلار ۋە ئادەملەر مەيدانغا كېلىدۇ

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزدىمۇ بار مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار

  • نۇرغۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مائارىپقاسەل قارىغانلىق كەلگۈسىگەسەل قارىغارغانلىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号