باش بەت

زىيارەت

927يوللانما
8مەستانە

مېسسى مەخسۇس ئۆزى ئۈچۈن تىكىلگەن خاتىرە مۇسابىقە ئايىقىغا ئېرىشتى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:24 14 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېسسى ۋە ئارگېنتىنا پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن بۇ بىر ھەپتە ئىنتايىن ئالاھىدە ئۆتكەن ھەپتە بولدى، بۇ ئۇنتۇلماس بىر ھەپتە بولدى، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە رايونىغا بېرىش پۇرسىتى ئىنتايىن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتتە، مېسسى «قالپاق ئويۇنى» ئويناپ، ئارگېنتىنانى مۈشكۈل ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇردى، مېسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئىنتايىن قالتىس ئىپادىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئادىداس بۇ ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى ئۈچۈن يېڭى ئالاھىدە مۇسابىقە ئايىقىنى تىكىپ بەردى.

ئادىداس شىركىتى ئالدىنقى ئايدا «Pyro Storm» نۇسقىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇسابىقە ئاياقلىرىنى بازارغا سالغان، دراكىسلېر، فىرمىنو قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى نۇسقىدىكى مۇسابىقە ئاياقلىرىنى كىيدى، ئەمما مېسسى بۇ توپچىلار ئىچىدىكى بىر ئەزا ئەمەس، چۈنكى مېسسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مۇسابىقە ئايىقى بار.

مېسسىنىڭ بۇ ئالاھىدە تىكىلگەن مۇسابىقە ئايىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاددىي ئاق رەڭدىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا قىزغۇچ سېرىق ۋە قارا رەڭلىك خەت شەكلى مۇسابىقە ئايىقىغا سەكرىتىش تۇيغۇسى بېغىشلىغان، مېسسىنىڭ ئىسمى مۇسابىقە ئايىقىنىڭ يۈزىگە بېسىلغان، شۇنچىلىك خاتىرە قىممىتىگە ئىگە بۇ مۇسابىقە ئايىقىنىڭ باھاسىمۇ ئەلۋەتتە ئەرزان بولمايدۇ، بۇ مۇسابىقە ئايىقىنىڭ باھاسى 279.95 فوندستېرلىڭ بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەۋلىيا ئەزەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالامەت نىمىلە بادە ، ئىچىدە بىرنەسلە قۇتۇراپ كەتكەن ، ئالغا مېسسى ، كۆزىگە كۆرستىۋەت مۇشۇنداق،بىريەلىرى ئېتىشىپ ئولتىرالماي قالسۇن ………

  • رەڭدار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۈلكەر ساراڭ ، بارسېلونا نەدە 2005 لىۋىرپول چاغدا چېمپىيون بولىدۇ بارسىلونا 2006 چىمپىيۇن بىلىمسىز ساراڭ

  • پوپوتاڭ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ بەزىبىر تورداشلانىڭ خەق بىلەن نىمە ئىشى دەيمەندە سىلو ئانداتى مىسسى مانداكە دەپ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئەجرىگە لايىق مۇكاپات ئالىدۇ ئاۋال ئۆزىمىز كىچىك بولسىمۇ بىرە تال مۇكاپات ئەپپىقىپ ئاندىن خەققە باھا بىرەيلى ئۆزىمىز كۆزگە كۆرەنگىدەك بىرە نەتىجە يارىتاممايمىز خەققە باھا بىرىپ كىتىشلىرىمىز قىززىق

  • 189******271 ھەپتە ئىلگىرى

    گورۇپپىدىن چىققىنىغا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيون بولغاندا ، خوش بولۇپ كېتىپتۇ ماۋۇلار. رونالدودەك دۆلىتىنىڭ چېمپىيون قىلسا ، ئىش بار چېغى

  • ھوشو بۇرۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئادىداس بىرىپتۇ خەلقى ماختاپتۇ ساڭا نىمە دەز كەتتى cr7 ساراڭمۇسەن قايناپلا كىتىپسەنغۇ

  • ئۈلكەرj1 ھەپتە ئىلگىرى

    2005.يىلدىكى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ،،مىسسى زاپاس ئولتۇرۇپلا ،،،،تەييالا بىر لوڭقۇلۇق بولغان ،،،،،نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە

  • MSD ئالغا1 ھەپتە ئىلگىرى

    RRCR7RR ھەي تورداش ئەگەر كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئوينىغان بولسا چوقۇم چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يەڭگەن بولاتتې لېكىن دولەت كوماندىسىدىكى ئەزەلەر ھەرخىل كوماندىدا توپ تېپىدۇ شۇڭا ماسلىشىپ بولمىقى تەس شۇندادىمۇ ،يەنە قالپاق قېيدى بۇ بىر خۇش بولغۇدەك ئىش ،باشقىلانىڭ پىكىرى قانداقكىن

  • Football1 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋاRRCR7rr توپ ئۇرغان بىلەن مېسسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقا سانى ئوخشاش تۆت ،

  • akax1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىسسى ئۆلگەندىن كىيىن بۇ ئاياقنىڭ قىممىتى قانچە دوللار بوپكىتە

  • قارلۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس بوپتۇ لايىھەسى، راسلام مېسسىنىڭ بۇ قېتىملىق دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى ، بۇ ئاياق مېسسىنىڭ بۇ قېتىملىق تۆھپىسىگە ئەڭ لايىق ، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇكاپات بولمىسا كېرەك ،، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ئالتۇن كەشنى رونالدو ئالغاندا كۆڭلىنى يېرىم قىلمىسىمۇ بولىدۇ مېسسى. رونالدونىڭ تۆھپىسى ناھايىتى شۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارقاتقان ئالتۇن كەشكە ئەرزىيدۇ ،ئەمما مېسسىنىڭ قالتىس تۆھپىسى ئادىداس تارقاتقان ئۆزىنىڭ ئىسمى يېزىقلىق دۇنياۋى لاتا كەشكە لايىق.ئىسمى يېزىقلىق بولغاچقا باشقا توپچىلارنىڭ كىيىۋېلىشىدىن تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ،ئالتۇن كەش تارقىتىش مۇراسىمىدا لاتا كەشىنى ئاخسا كىيىپ رونالدو ئالغان ئالتۇن كەشكە قاراپمۇ قويماي ئولتۇرۇپ كەتسە تازا . پات پات رونالدوغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پۇتىنى سۈرتۈپ كەتسە ، سېنىڭ ئالتۇن كەشىڭ بولسا مېنىڭ مەخسۇس تىكىلگەن لاتا كەشىم با دەپچۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号