باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
25مەستانە

بالىلارنىڭ چوڭ ئادەملەردەك گەپ قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 22:24 0 ئىنكاس چۈشتى

مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەنلا، «خوتۇن مېنى ساقلاپ تۇر» دېگەن بۇ گۆدەكلەرچە ئېيتىلغان سۆزدىن نۇرغۇن ئاتا ئانىلار داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

يېشى كىچىك بالىلار نېمە ئۈچۈن چوڭلارنىڭ گېپىنى قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر تەرەپلىمە بولۇپ، ئۇنىڭدا تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ رەھىمدىللىك، رەزىللىك، گۈزەللىك، سەتلىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. ئۇلار كۆرۈپ تۇرغان چوڭلار جەمىيىتىدىكى ھەر خىل ھادىسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى كىنو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى پەس، چاكىنا مەدەنىيەتنىڭ يامراپ كېتىشى ئۇلاردا بىر خىل قىزىقىش ۋە قايمۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە بالىلار ئۇلارنى دېگەندەك چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، لېكىن بالىلاردا دوراش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، بىر مۇنچە ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى مۇۋاپىق يېتەكلىمىگەنلىكى ۋە تەربىيە بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك، بالىلار خۇددى سۇنى ئۆزىگە ئىچىۋالغان بۇلۇتقا ئوخشاش، ھەممە مەزمۇنلارنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىۋېلىپ، كۈنلەر ئۇزارغانسېرى چوڭلارنى دوراپ ھەدېسىلا چوڭ ئادەمدەك گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا ئانىلارغا ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، بالىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىشى لازىم.

ياخشى تىل مۇھىتى يارىتىش

بالىلار تىل ئۆگىنىشتەك ھالقىلىق پەيتتە تۇرغاندا، ئاتا ئانىلار بالىلارغا ياخشى تىل ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم.

بىر قىسىم ياش ئاتا ئانىلار تېلېۋىزور تىياتىرنى بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى تەربىيىۋى فىلىم قىلىشقا خۇشتار كېلىدۇ ، ئۇلار بۇنىڭ بالىلارنىڭ تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشكە، بالىلارنىڭ قائىدە يوسۇن ۋە تىل ئۆگىنىشكە ياردىمى تېگىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە مەسىلىلەرنى ئويلىنىش ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تاللاپ، بالىلارنىڭ ئۆز يېشىغا ماس كەلمەيدىغان كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئاتا ئانىلار يېشى كىچىكرەك بالىلارغا ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ھەم قىزىقارلىق كارتون فىلىملىرىنى كۆرسىتىشى، بالىلارنىڭ يېشى چوڭراق بولغاندا بالىلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مائارىپ قانىلىدىكى بالىلار پروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە يول قويۇپ، بالىلارنىڭ مېڭىسىنى تولۇقلاپ مېڭىشى لازىم.

ۋاقتىدا ئارىلىشىپ يېتەكلەش

دەرۋەقە، بالىلارنى جەمىيەت ۋە كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا ئاتا ئانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلار كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەندە بالىلارنى توغرا يېتەكلىشى ۋە تەربىيە بېرىشى لازىم. بالىلار تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى دوراپ دوستلىرى بىلەن «يولدىشىم، خوتۇنۇم» دېيىشسە، بۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى كۆرۈشنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ۋاستە شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھاللاردا ئاتا ئانىلار بالىلىرىغا «يولدىشىم، خوتۇنۇم» دېگەن ئاتالغۇلار پەقەت ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدا دېيىلىدىغان، ئەر خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇش لازىم. ئۇنىڭ ئارقىدىن بالىلارغا توينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئائىلە قۇرۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئىش تەقسىماتىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم. مۇشۇنداق يېتەكلەش، تەربىيلەش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئائىلە ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت مەسىلىسىنى ئۆگىنىۋېلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇ ئۇلاردا ئائىلە كۆز قارشىنىڭ شەكىللىنىشكە پايدىلىق.

بالىلارنىڭ قوپال، چاكىنا گەپلىرىنى تۈزىتىش

كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىغان ۋاقىتتا بالىلارنىڭ بىر ئىككى ئېغىز قوپال گەپ قىلىپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاتا ئانىلار قوپاللىق بىلەن مەجبۇرى چەكلىسە، بالىلار تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. بالىلار قوپال، چاكىنا گەپ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقىتتا ئاتا ئانا بولغۇچى دەرھال ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ، ئۇلارغا سېنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىڭ باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، بۇ ئۆزۈڭنىڭمۇ ياخشى بالا ئەمەسلىكىڭنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلساڭ باشقىلار سەن بىلەن دوست بولمايدۇ دېيىشى لازىم.

بالا ئاچچىقلانغان، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ياكى مېنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن ۋاقىتتا قوپاللىشىپ بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويىدۇ ياكى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ. بۇنداق سۆز ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئاتا ئانىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئاتا ئانىلار ئۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا بۇنداق سۆز ھەرىكەتلەردە بولسا ئاتا ئانىنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىم.

بالىلار بىلەن ئاتا ئانىلار بىلەب گەپ تەگىشىپ قالغاندا، بالىلار سەت گەپلەر بىلەن ئاتا ئانىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ، ئۇلارنى ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئۇنداق ئەھۋالدا ئاتا ئانىلار سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدىن كېتىپ بالىلارنىڭ يالغۇز ئويلاپ بېقىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

ئاتا ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك

ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ چوڭ ئادەملەردەك گەپ قىلىشنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىچكى مەنىسى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۇلار قانداق گەپلەرنى قىلىش، قانداق گەپلىرىنى قىلماسلىقنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق گەپلەرنى دېيىشكە نېمە ئۈچۈن بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. بالىلارنىڭ تىلى چىقىۋاتقان ۋە سۆزلەش ئادىتى تەدرىجىي يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئائىلىدىكى مۇھىت ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاتا ئانىلار بىلىپ بىلمەي دەپ سالغان سەت گەپلەرنى بالىلار ئاڭلاپ دېسە بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپتۇ دورايدۇ. شۇڭا ئاتا ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆز ھەرىكىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ مېڭىشى لازىم.

بالىلارنىڭ ئالدىدا ئاتا ئانىلىرى مەدەنىي، لايىقىدا سۆزلەرنى قىلىشى، مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ تىل ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ مېڭىشى لازىم. ئاتا ئانىلار باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەن، پىكىر ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى كۆپرەك قوللىنىشى باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا بالىلار ياندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، قۇلاققا سىغدۇرۇۋېلىپ، بالىلارنىڭ مەدەنىي سۆز ھەرىكەتلىرى يېتىشىپ ماڭىدۇ. 

ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ كۆپرەك سىرتلارغا چىقىپ، باشقىلار بىلەن باردى كەلدى قىلىشى، بالىلارغا توغرا تەلەپپۇزدا باشقىلارنى چاقىرىش، سوۋغا سالام قوبۇل قىلغان رەھمەت ئېيتىشىنى، خاتا قىلىپ قويغاندا كەچۈرۈم سوراشنى ئۆگىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپرەك ماختاش ۋە ئىلھام بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەندە، بالىلارنىڭ سۆز ھەرىكىتى پەيدىنپەي ئوچۇق يورۇق ۋە لايىقىدا بولىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号