باش بەت

durdana

1159يوللانما
66مەستانە

ھوللىۋود تارىخىنى ئۆزگەرتكەن 10 ئايال

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 00:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى ھوللىۋود نۇرغۇن قالتىس ئاياللار خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئالدىنقى ئەسىردە «قازغۇچىلار» دەپ ئاتالغان بىر بۆلۈك كىنوچىلىق ساھەسىدىكى قابىل ئاياللار بار ئىدى. ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ھوللىۋودنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇلار كىنوچىلىق تارىخىغا شانلىق ئىزلارنى سالغان. تۆۋەندە ئۆتكەن يۈز يىلدىكى ئەڭ قابىل ئايال كىنوچىلاردىن 10 نى سۆزلەپ ئۆتىمىز، ئۇلار ئاياللارنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ئورنىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان، لېكىن بەزىلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن.

ئەلىس گاي بىلەچ(Alice GuyBlaché)

پارىژدا تۇغۇلغان بۇ ئايال دۇنيادىكى تۇنجى رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى، ئۇ لىئون گومونت (ئەڭ بۇرۇنقى رېژىسسورلارنىڭ بىرى) نىڭ كاتىپى سالاھىيىتىدە كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگەن. 1896-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى سۈرەتكە ئالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ 1922-يىلىغا كەلگۈچە 1000 غا يېقىن فىلىمگە قاتناشقان (ئۇ ئۆزى رول ئېلىپ ھەم سىنارىستلىقىنى قىلغان، لېكىن رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىدەك نام قازىنالمىغان) ئۇنىڭ ئىچىدە 600 ئۇزۇنلۇقى بىر مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە بولغان قىسقا فىلىم بار. ھازىرغىچە ساقلانغان ئەسىرى 350 كە يېتىدۇ. 1896-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا ئۇ ئىزچىل كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىردىنبىر ئايال رېژىسسور سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇ يەنە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن خىزمەت ئورنى قۇرغان. ئۇ بىر ئايال رېژىسسورنىڭ ئەينى ۋاقتتا قانداق ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇ ئۆز تەرجىمھالىدا شۇنداق يازغان:«شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەيدا بولۇشۇم بىر مۆجىزە بولدى».

دوروسى ئارزنېر

ئامېرىكىدا كىنوچىلىقنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئارزنېر ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق ئايال رېژىسسور. بۇ ئايال ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ 20 فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. 1929-يىلى سىن ئېلىش ئاپپاراتى بىلەن تەڭ قەدەمدىكى مىكروفونغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان ئاۋاز ئېلىش خادىسىنى كەشىپ قىلغان.

ئارزنېر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى دوستىلۇقنى بەكمۇ ئىنچىكە سۈرەتلەيدىغان بولۇپ، 1930-يىلى ئۇ «بىر ئەر كىشى مەڭگۈ ئاياللارنىڭ قارىشى بويىچە ھېكايىنى تەسۋىرلىيەلمەيدۇ» دېگەن.

ئارزنېر ئەڭ باشتا بىر يازغۇچى ۋە مونتاژ، ئەرلەرگە خاس دېيىلىدىغان رېژىسسورلۇق قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ پارامونتتا كىنو ئىشلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن. خىزمەتتە ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن ئەرلەردەك كىيىنەتتى، شۇڭا فىلىم مەيدانىدا دائىم ئىشتان بىلەن كاستىيۇم كىيەتتى، بۇ ئۇنىڭ خاسلىقىغا ئايلانغان.

ئۇ يەنە نۇرغۇن كەلگۈسىدىكى چولپانلارنى يېتىشتۈرگەن. لۇسىل پوۋىل، كەسرىن ھېپبۇرن، روزالىند راسسىل قاتارلىقلارنى ئۇ بايقاپ كىنو ساھەسىدە چاقناتقۇزغان. 1936-يىلى ئۇ ئامېرىكا رېژىسسورلار جەمئىيىتى قوبۇل قىلغان تۇنجى ئايال رېژىسسور بولۇپ قالغان. 1943-يىلى تۇيۇقسىز كىنو ساھەسىدىن چېكىنىپ، قالغان ئۆمرىنى ئۇسسۇل ئارتىسى مارلىن مورگىن بىلەن ئۆتكۈزگەن.

مارى پىكفورد (Mary Pickford)

رەڭسىز فىلىم دەۋرىدە «ئامېرىكىنىڭ شېرىنى» ۋە گىگانت چولپان فەير بەنكس بىلەن بولغان نىكاھى ئۇنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۋەتمەستىن ئۇنى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى دۇنيا كىنو ساھەسىدىكى بىر مەبۇدە ئورنىغا ئېلىپ چىققان. پىكفورد كىنو چولپىنى بولۇپلا قالماي يەنە ئەقىللىق سودىگەر شۇنداقلا غەيرەتلىك ئايال ئىدى.

ئۇ ھەپتىسىگە 40 ئامېرىكا دوللىرىلىق مائاشتىن 500 دوللارلىق مائاش ئېلىشقىچە 3 يىل ۋاقت سەرپ قىلغان. 24 ياشتا ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قۇرغان. 3 يىلدىن كېيىن ئۇ ئۇلۇغ كىنوچى دوگلاس فەير بەنكىس، دېيۋىد گىرەففىس، چارلىز چاپلىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكا بىرلەشمە كىنوچىلىق شىركىتىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى رول ئالغان فىلىملەرنى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. پىكفورد كىنوچىلىققا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ 36-ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇ سۆھبەتكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئېنىق بىلەتتى، بۇ ئامېرىكا بىرلەشمە كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ ئايال فىلىم ئىشلىگۈچىسى 1919-يىلىدىن تاكى ئامېرىكا بىرلەشمە كىنوچىلىق شىركىتى ئەمەلدىن قالغۇچە ھەر يىلى 1 مىلىيون تاپقان، ئەينى يىلىدىكى مىلىيون دوللار ھازىرقى 14 مىلىيون دوللار بىلەن تەڭ ئىدى.

ئۇ ھوللىۋودنىڭ خىزمەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكەن: ئۇ 1909-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى فىلىمىدە رول ئالغان، ئۇ ۋاقتتا كىنونىڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغان تىجارەت ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيىتتى. پىكفورد ئۆزىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىنونىڭ ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىنو ساھەسىدىن ئايرىلىپ ئون نەچچە يىلغىچىمۇ ئامېرىكىدا يۈز تاپقان بۇ كانادالىق ئايال ئارتىس ھوللىۋودتىكى ئاساسى ئېقىمغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

فرەنسىس مەرىين(FrancesMarion)

20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئايال سىنارىسىت، 1915-يىلىدىن 1930-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇ كىنو ئىستودىيەلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن سىنارىسىت بولغان، ھەپتىلىك مائاشى 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ پۇل بۈگۈنكى كۈندىكى 40000 دوللارغا تەڭ. ئۇ تۇنجى قېتىم ئوسكاردا ئىككى قېتىم مۇكاپاتلانغان سىنارىسىت، ئۇ 130 دىن ئوشۇق فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى يازغان، 1937-يىلى «فىلىم ھېكايىلىرىنى قانداق يېزىپ ساتىمىز؟» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان، ھوللىۋودتىن چېكىنگەندىن كېيىن جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرىستىتىدا سىنارىسىتلىقتىن دەرس بەرگەن.

مارىيوننىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى بولسا «تۇنجى ئوسكارغا ئېرىشكەن ئايال سىنارىسىت» بولغانلىقى، لېكىن سىنارىسىتلىقتىن سىرت ئۇ يەنە ئۇتۇق قازانغان رېژىسسور ھەم ئارتىس. ئۇ ھوللىۋودقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇخبىر بولغان، ياۋروپاغا بېرىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن نەق مەيدان خەۋىرى بەرگەن. 40-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ھوللىۋودتىن چېكىنگۈچە 300دىن ئارتۇق كىنوغا قاتناشقان، ئاۋازسىز فىلىمدىن ئاۋازلىق فىلىمغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چولپانلار ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان.

ئىدا لوپىنو(Ida Lupino)

لوندوندا تۇغۇلغان، ئىتالىيە قان سېستىمىسىدىكى ئەنگىلىيەلىك، لۇپىنو ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا داڭلىق ئايال ئارتىس بولغان، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ھوسۇللۇق ئامېرىكىلىق ئايال رېژىسسور بولغان، 1949-يىلى ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق شىركىتىنى قۇرغان، ئۇ 6 فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغاندىن كېيىن 1955-يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا رېژىسسورلۇق قىلىشقا باشلىغان.

ھەم رول ئېلىپ ھەم رېژىسسورلۇق قىلىش ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى، ئۇ قۇرغان كىنو شىركىتى ئۇنىڭ مۇستەقىل فىلىم ئىشلىشىگە سەھنە ھازىرلىغان. 1953-يىلى «ماشىنا توسقۇچى»( The Hitch-Hiker) فىلىمى ئايال رېژىسسورنىڭ تۇنجى قاراڭغۇ باش تېمىسىدىكى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان فىلىمدىن 8 نى ئىشلىگەن، باش تېمىسى نىكاھسىز بالا تۇغقان ئايال، قايتا توي قىلىش، باسقۇنچىلىق قاتارلىقلار.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى كىنو سانائىتىنى گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىردىنبىر ئايال رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېدانىڭ مۇلايىم ئۇسلۇبى ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتقان. مەسىلەن: ئۇ ئەرلەرگە نېمە ئىش قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلىشقا بولمايدۇ، پەقەت تەكلىپ بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ئەر ئارتىسلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشىنىڭ سەۋەبى. فىلىم گۇرۇپپىسىدا ئۇ باشقىلارنى ئۆزىنى «ئانا» دەپ ئاتاتقۇزغان. بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇ ئەرلەر دۇنياسىدا پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن ئۆزىنى قوغداش بولغان. ئېدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان، تۆھپىسى زور بولغان بىردىنبىر ئايال رېژىسسور، 70-يىللاردا ئايالچىلىق ھەرىكىتى باش كۆتۈرگەندە ئۇنىڭغا قايتىدىن يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

لى برەكت

سىز بەلكىم ئۇنىڭ كىنولىرى كۆرۈپ باققان، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىغا دىققەت قىلىپ باقمىغان، مەسىلەن:«پىلانتلار ئۇرۇشى2»نىڭ سىنارېسىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز. بۇ ئۇنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈشىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى، مەيلى ئۇنىڭدىكى پېرسۇناژلار تا بۈگۈنگىچە مۇنازىرە قىلىنسىمۇ لېكىن «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش» نىڭ 3 بۆلۈمى ئىچىدە بۇ ئەڭ ياخشى چىققىنى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇ يازغان تۇنجى فانتازىيلىك فىلىمنىڭ سىنارىيىسى.

بىرەكىت ئىلمىي فانتازىيە رومان يازغۇچىسى. 1940-يىلىدىن 1659-يىلىغىچە ژۇرناللارغا فانتازىيىلىك ھېكايىلەرنى يېزىپ بېرىش ئاساسلىق خىزمىتى بولغان. ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت قىلىپ باققانلار ئۇنىڭ «پىلانتلار ئارا رومانتىكا» دىن قانچىلىك ياراتقانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ. ئۇ ھازىر ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدىغان سامانيولى سىستېمىسى ھەققىدە كۆپ يازغان. ئۇنىڭ تۇنجى رومانى رازۋېدكا رومانى بولۇپ، بۇ روماننىڭ كۈچىدىن ئامېرىكىلىق داڭلىق رېژىسسور ھوۋارد خاۋكىس ئۇنى «ئۇزۇن كېچىدىكى كۆپ چۈش»(夜长梦多) فىلىمىنىڭ سىنارېيىسىنى يېزىشقا تەكلىپ قىلغان.

قىزىقارلىق يېرى ئۇ خاۋكىس ئۇنى ئىشلەتكەندە ھېچكىم ئۇنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ بۇ فىلىمگە سىنارىيە يازغانلىقىدىن باشقىلارنىڭ قانچىلىك ھەيران قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ فىلىم كىلاسسىك فىلىم بولۇپلا قالماي، 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم بولغان روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

برەكىتنىڭ سىنارىيەلىرىنىڭ سانىنى چىقىرىپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ ھاياتىدا 11 ئەسەر يازغان، ھەر بىر ئەسىرى ناھايىتى قالتىس بولغان.

ھەتتى مەكدەنىيىل(HattieMcDaniel)

ھاياتىدا ئۇ 74 قارا تەنلىك چاكار ئايالنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» دا ئالغان رولى بىلەن 1940-يىلى ئوسكار تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك ئارتىس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئېكراندا نۇرغۇن قارا تەنلىك ئارتىسلار ئوبراز ياراتقان، لېكىن ھېچقايسىسىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ باقمىغان. لېكىن بۇ شەرەپمۇ ئانچە خوشاللىنارلىق بولمىغان، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئايرىم ئۈستەلدە ئولتۇرغۇزۇلغان، فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئەمەس. ھەتتىنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، مۇلايىم بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشلەپ باققان ئارتىسلار ھەممىسى ئۇنى ياقتۇراتتى ھەم ھۆرمەتلەيىتتى. بىر خىل ئوبراز يارىتىشتا مۇقىملىشىپ قېلىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئارتىسلىق ھاياتىدا تۆۋەنلەشتىن دېرەك بېرەتتى، لېكىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئارتىسلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئۇ تاراتقۇلارغا دائىم :«مەن چاكار ئايالنىڭ رولىنى ئېلىشقا رازىكى، ئايال چاكارغا ئايلىنىپ قېلىشقا رازى ئەمەس» دېگەن. بۇ گەپكە ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق شۇ ۋاقىتتىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلالايمىز.

ئولىۋىيا دېھاۋىللاند

ئىككى قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى باش پېرسۇناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ چولپان ھېلىھەممۇ تېمەن. پارىژدا ئاددى تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. بارلىق زىيارەتلەرنى رەت قىلىدۇ.

ئۇنى بۇ تىزىملىكتە تىلغا ئېلىشىمىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ بۇ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ۋارنېر كىنو شىركىتىنىڭ بىر داڭلىق ئەمەلدارىنى دەۋادا يېڭىۋالغان بولۇپ، ھوللىۋود چوڭ فىلىم شىركەتلىرىنىڭ ئارتىسلارنى خالىغانچە كونتىرول قىلىشغا خاتىمە بەرگەن. چوڭ كىنو شىركەتلىرىنىڭ تۈزۈمىدە ئەگەر بىر ئارتىس 7 يىل توختام ئىمزالىسا ئۇ پەقەت ئاددىيلا 7 يىل ئەمەس بولۇپ، بىر ماتىماتىكىلىق تېپىشماققا ئايلىنىپ قالاتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئارتىسلار ئۇنى-بۇنى دەپ 10 يىل 15 يىل ھەتتا 20 يىل ئىشلەيىتتى. ئارتىسلارنىڭ باشقا شىركەتكە ئىجارە بەرسىمۇ ھەق ئالاتتى. شۇڭا بۇنداق چوڭ فىلىم ئىستۇدىيەلىرى قەرەلسىز ھالدا توختامنى ئۇزارتىپ ئارتىسلارنى كونتىرول قىلىپ تۇراتتى. ئولىۋىيا 6 ئاي فىلىمگە چىقارماسلىق زىينى توغرىسىدا سوتقا ئەرز قىلىپ يەڭگەن، ھەتتا ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن سىڭلىسىمۇ ئۇنى ماختاپ كەتكەن.

بۇ يىل 7-ئايدا ئولىۋىيا 101 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى، ئۇنى قىززىق نۇقتىلىق تىياتىر《宿敌》غا ئۇنى بىر پېرسۇناژ قىلىپ قوشۇپ قويغان بولۇپ، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئىجازىتىمسىز ئىش كۆرگەن دەپ يەنە سوتقا ئەرز قىلغان.

ئىدىز ھېد(Edith Head)

سانسىز قېتىم ھەر خىل مودا ژۇرناللارغا چىقىپ، كىنو ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك شەخىسكە ئايلانغان بۇ ئايال 1000 دىن ئوشۇق فىلىمگە كىيىم لايىھەلەپ بەرگەن، 35 قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخش كىيىم لايىھەسىدە ئىسمى ئاتالغان، 8 قېتىم شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئوسكارغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئايال زاتى بولۇپ قالغان. كىنو كىيىمچىلىك تارىخىدا ھېچكىم يېتەلمەيدىغان ئورۇنغا چىققان، ئۇنىڭ لايىھەلىرى شۇ زاماننىڭ ئۆزىدىلا مودا بولۇپ قالماي، ھازىرقى زامان لايىھەلىگۈچىلىرىمۇ ئىلھام ئالىدىغان ئۈلگە بولۇپ قالغان.

1924-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە پارامونتتا 44 يىل، بېتتى دېيۋىستىن ئاۋدىرىي ھېپبۇرنغىچە ھوللىۋودنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى چوڭ چولپانلارنىڭ مودا ئۈلگىسىگە ئايلانغان، ئىنگىرىد بىرىگمەن، گرەيس كېللى قاتارلىقلار ھەمىشە ئۇ كىيىم لايىھەلەپ بەرمىسە رولغا چىققىلى ئۇنىمايىتتى.

ئىدىز كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىسىلا ئەمەس، ئۇ كىيىم-كېچەك يېتەكچىلىكىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان، ئەينى دەۋردىكى كىنو ساھەسىدە ئايالچە كىيىمنى پەقەت ئۆلچەپلا تىكىدىغان بولغاچقا سىرىتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىلمەيىتتى، ھەر بىر كىيىمنى ئالاھىدە لايىھەلەشكە توغرا كېلەتتى.

1954-يىلى «رىمدىكى ئارام» ئوسكار ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەك مۇكاپاتىنى ئالغاندا ئۇ سەھنىدە ئاۋدىرىيغا نۇرغۇن لايىھەلەرنى قىلىپ بەرگەن گىۋېنچقا رەھمىتى بىلدۈرگەن. «گىۋېنچى بولمغان بولسا مېنىڭ قولۇمدىكى بۇ ئالتۇن ھەيكەلمۇ بولمايىتتى، بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بەھىرلەنگۈم بار» دەپ ئاشكارا باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

ئىنگىرىد بېرگمەن(Ingrid Bergman)

شۈبھىسىزكى بېرگمەن كىنو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى. لېكىن بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشتە ئۇنىڭ بىر قېتىملىق داڭلىق سەتچىلىكى سەۋەب بولغان.

1949-يىلى «يانار تاغ لېۋىدىكى مۇھەببەت»( Stromboli) نى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن توي قىلغان ئىنگىرىد بىلەن توي قىلغان رېژىسسور روبېرىت روسسېللىننى خۇپىيانە قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ سەتچىلىكتە! بۇ ئىش ھوللىۋودتا ئىلگىرىكى ھەر قانداق خەۋەردىنمۇ چوڭ خەۋەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ:«ئىكرانغا پەرىشتىدەك پاكىز كۆرۈنىدىغان بۇ قىزچاق، ئەمەلىيەتتە ئېرىنى تاشلاپ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن بۇزۇق ئايال.» دېگەن خەۋەرلەر تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارتىسلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ مەستانىلىرىمۇ ئۇنى كەچۈرمەيدۇ.

1950-يىلى ئىنگىرىد ئاجرىشىپ روبېرىت بىلەن توي قىلىدۇ، ئىتالىيەدە يېڭى ئائىلىسىنى قۇرىدۇ، بىر جۈپ قوشكېزەككە ئانا بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىگەن كىنولىرى مۇۋەپپقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ لېكىن سەل غەلىتە، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئەركىنلىك ۋە ئۆزلۈك ئېقىمىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى پەيدا قىلدۇ.

1956-يىلى ئۇ ئېرىدىن ئايرىلىپ ھوللىۋودقا كېلىپ «راست-يالغان مەلىكە»(真假公主) فىلىمى بىلەن ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ھېچقانداق ئايال ئارتىس بۇ ئارتىستەك خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىپ، يەنە شۇنچە تېز ئۆز ئەسلىگە قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇ ھوللىۋودنىڭ غەيۋەتخورلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىپ يەڭگەن.

بۇ شىۋىتسىيەلىك ئايال ئارتىسنىڭ ھاياتىدا ئۈچ قېتىملىق نىكاھى بولغان، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى 3 توي كۆينىكىنى پاكىز يۇيۇپ، دەزماللاپ، خالتىغا ئوراپ شۇنداق دەپ يازغان:«ھەر بىرى ماڭا تەۋە، گەرچە ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号