باش بەت

ئىدىقۇت887

7292يوللانما
15مەستانە

ئامېرىكىدىكى «ئۇزۇن تىرناق گۈزەل ئاياللار تەشكىلاتى»

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 21:56 20 ئىنكاس چۈشتى

AOL تور بېكىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا «ئۇزۇن تىرناق گۈزەل ئاياللار تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات بار بولۇپ، بۇ تەشكىلات تىرنىقى ئۇزۇن 30 نەپەر قىز-ئايالدىن تەشكىل تاپقان، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ قىز-ئاياللار قەرەللىك تۈردە يېڭى جېرسىي شىتاتى نىيۇۋارك (Newark) شەھىرىدىكى مەلۇم تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش سالونىغا جەم بولۇپ، ئۇزۇن تىرناق تۇرمۇشىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆز ئارا ھەمبەھىرلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

بۇ تەشكىلاتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاساسەن 5 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەنە بەزىلەرنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا نەچچە ئون سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش سالونىغا بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 8 سائەت ۋاقتى سەرپ قىلىپ تىرنىقىنى چىرايلىق ياسىتىدۇ. ھەر خىل رەڭلەردە بويالغان بۇ ئۇزۇن تىرناقلار ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.

مارىيە ئورتىز (Maria Ortiz) ئىسىملىك تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى بۇ تەشكىلاتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ تىرنىقىنى ئۇزۇندىن بېرى ياساپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قىز-ئاياللارغا ئۇزۇن تىرنىقىنى قانداق ئاسراپ، سۇنۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئۇزۇن تىرنىقىنى قانداق رەڭلەردە بوياپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىپ كەلگەنىدى.

مارىيە ئورتىز ئىسىملىك بۇ ھۈنەرگە پىشقان تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش جەريانى سىنغا ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى قەرەللىك تۈردە تورغا چىقىرىپ ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم زىيارەت قىلغان.

بۇنچە كۆپ ئۇزۇن تىرناقلىق «گۈزەل خانىملار»نىڭ بىر  جايغا توپلىنىشى ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداققۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • پنھان مەرۋايىت3 كۈن ئىلگىرى

    كۆڭلۇمنى ئەجەپ ئىلىشتۇردا؟ ھۆ… ھۆ…

  • مەتتۇرسۇن 0903دىن4 ئاي ئىلگىرى

    ۋايجان بەكلا كۆڭلۈم ئايلاندى

  • رەيھان4 ئاي ئىلگىرى

    بىكارچىلىق............

  • Rossey4 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنى0 قۇقۇتۇپ نىمداق سەت …………

  • °Talk4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇزۇن تىرناق مەينەت ئاياللار تەشكىلاتى دېسە بولغىدەك

  • 132******314 ئاي ئىلگىرى

    لاجى لاجى لاجى لاجى ھەممىسى لاجى خىيالغا نىملا كەلسە قىغان ،

  • ئەلىجان 62624 ئاي ئىلگىرى

    تاماق يىگەندە ياكى ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى كىيىم ئالماشتۇرغاندا شۇنىڭدەك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ئىشلاردا بەك قۇلايسىزلىق ھىس قىلمامدىغاندۇ بۇلا ؟ تاماقنى يولدىشى ئىتىدىغان ئوخشىمامدۇ بۇلانىڭ ئۇنچە ئۇزۇن تىرناقنى قۇيۋاغانكىن ؟ يولدىشىمۇ تازا يۇۋاش بالىلا ئوخشايدۇ بۇلانىڭ !!!

  • ماھىرە ئاي4 ئاي ئىلگىرى

    ھەي بۇلا قانداقمۇ تاماق يەپ كىيىم كىيەلە ھە

  • غەمسز4 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق غەلىتە كشلەر بۇ

  • نۇر4 ئاي ئىلگىرى

    كۆڭلۈم ھەجەپ ئىلەشتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号