باش بەت

زىيارەت

927يوللانما
8مەستانە

شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى: قىزىمىز بىلەن پىك ئىنتايىن بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:47 2 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تاراتقۇلار تەرىپىدىن شاكىرا بىلەن پىك ئايرىلىپ كەتتى دەپ تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە قارىتا، كولۇمبىيەلىك ناخشىچى شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، پىك بىلەن شاكىرانىڭ ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىدى.

شاكىرانىڭ ئاتىسى ۋىليان مېباراك بىلەن ئانىسى نادىيا رىپىيې يېقىندا بارسېلوناغا كەلگەن بولۇپ، «Chance» تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، تاراتقۇلارنىڭ قىزى شاكىرانىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى ھەققىدىكى گۇمانلىرىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان:

«ئۇلار ئىلگىرىكىدەكلا ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ، بىز ھەممىمىز شۇنداق بەخىتلىك».

شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن قىزى شاكىرانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن تاراتقۇلارنىڭ كاتالونىيا رايونىنىڭ مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسىدىكى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا ئۇلار جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە قىلمايمىز، بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىرلىشىشنىمۇ خالىمايمىز، بىز دېگەن كولۇمبىيە پۇقراسى.» 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ قىز بەك سەت يۈرسە چاكىنا ئىمتىۋىلارنى ئىشلەپ ئاتا ئانىسى يوق تاشلىۋىتىلگەن بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن . ئاتا ئانىسى باركەن ب . پەخىرلىنىپ يۈرىدىكەن تېخى

  • ئەۋلىيا ئەزەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    قايسى بىركۈنىدىكى خەۋەردە ئايرىلىپ كىتىپتۇ دىۋىدى بەزى مەستانىلەگە بوپ بەگەن ،تاپمىغان گىپى قالمىغان ، ئەمدىچۇ ……

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号