خاڭجۇ شەھىرىدە كەييۈەن يولى بىلەن جوڭشەن يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا غەرب ئەللىرىنىڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىر بانكا بار بولۇپ، بۇ يەر سۈرەتكە تارتىشقا ئىنتايىن ماس كېلەتتى. يول ئېغىزىدىكى گېزىت-ژۇرنال بوتكىسى خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ يەردە ئىنتايىن كۆپ تاۋباۋ تورى مودېللىرى سۈرەتكە چۈشكەن بولۇپ، ئەتىگەندىن كەچ سائەت 6:00 گىچە سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.
تاۋباۋ تورىنىڭ مودېللىرى سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن بۇ يەردە ئۆچرەتتە تۇرىدىكەن، ئۇلار سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىيىملەر كوچىلارغا قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلىدىكەن.
سۈرەتتە مودېللار كوچىدا كىيىم ئالماشتۇرماقتا.
نەق مەيدان سۈرەتلىرى.
سۈرەتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ھەتتا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىيادىلەر سىزىقىغا كېلىپ سۈرەتكە چۈشىدىكەن، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ماشىنىلار توختىماستىن ئۆتۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا قىياپىتىنى ھەر-خىل ئۆزگەرتىپ سۈرەتكە چۈشىدىكەن.
نەق مەيدان سۈرەتلىرى.
ζulpiya6 ئاي ئىلگىرى
مەن بىرىپ باققان بۇ كوچغا ھەققەتەن بەك پەيزى
بەختىيارجان6 ئاي ئىلگىرى
ۋۇ قىلىن ھېلىقىلا،