باش بەت

نىجات سامساق

121يوللانما
112مەستانە

ئەڭ يېڭى 3-ئەۋلاد بېنتلىي Continental GTدىكى بەش يارقىن نۇقتا

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:15 4 ئىنكاس چۈشتى

دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل دېسەك ئازراقمۇ ئارتۇق كەتمەيدىغان بېنتىلىيغا نىسبەتەن يېڭىلىنىش بىرقەدەر ئاستا بولىدۇ. چۈنكى بۇخىلدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى قىممەت، سېتىلىشى ئاز بولۇپ، ئادەتتىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىللاردەك توختىماي يېڭىلىنىش قىلمايدۇ. ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد بېنتلىي Continental GT نىڭ يېڭىلانغان بۇ بىرقانچە قىسمى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

20171012220526522.jpg

1: EXP 10 Spped 6 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ روھى

ئەگەر سىز چىن بېنتىلىي ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئىككى يىل بۇرۇن بېنتىلىي ئېلان قىلغان ئىسمى ئاجايىپ غەلىتە ئۇقۇم ئاپتوموبىلى EXP 10 Spped 6 ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقتىدىلا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئاخباراتچىلىرى بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلى چوقۇم بۇندىن كېيىنكى بېنتلىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ لايىھە ئۇقۇمى بولۇپ قالىدۇ دېيىشكەن ئىدى. دېگەندەك ئۈچىنچى ئەۋلاد بېنتلىي Continental GT نىڭ تاشقى قىياپىتى ئالدىنقى ئەۋلاد ئاپتوموبىل بىلەن بىر گەۋدىلەشتى ۋە ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قالدى.

20171012220526799.jpg

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى شەكلى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بىلەن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ، كەينى تورمۇز چىرىغى جەھەتتىن ئاز – تولا ئۆزگىرىش بار دېيىشكە بولىدۇ. چاق قىسمى ئالدىغا 135 مىللىمېتىر سۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىلگەن.

ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئاليۇمىن ۋە پولاتنىڭ بىرىكىشى بىلەن ئىشلىنىپ، ئاپتوموبىل ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشتىن سىرت يەنە ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ھەم تولغىنىشچانلىقىنى كۈچەيتكەن. بارلىق ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىسىم زىننەت بۇيۇملىرى پۈتۈنلەي ئاليۇمىندىن ياسالغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يەنە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى « Super Forming » تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئالدىنقى ئەۋلاد ئاپتوموبىلغا قارىغاندا 85 كىلوگىرام يېنىكلىگەن. بۇ بىر قورامىغا يەتكەن ئەر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ بولۇپ، بېنتىلىينىڭ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

20171012220526320.jpg

2: ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن

ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېنتىلىي ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى ئاستىدىكى ماركىلارنىڭ جەۋھىرىنى مۇناسىپ ھالدا ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ.

20171012220526871.jpg

ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى لايىھەسىدە پورش Panamera ۋە ئاۋدى، ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللىرىدا بار بولغان نۇرغۇن ئىلغار سەپلىمىلەر بار. مەسىلەن رول قىسمى، كونترول تاختىسى، ھەرقايسى ئېكرانلارنىڭ ئىشلىتىش لوگىكىسى قاتارلىقلاردىن بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار تېخىمۇ ھەشەمەتلىك، ئىشلەپچىقىرىلىش سەنئىتى تېخىمۇ ئىنچىكە، كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ كۆركەم بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن.

20171012220527303.jpg

3: يەنە يېڭىچە ئۆزگىچىلىكلەرمۇ بار

ئىچكى بېزەك ئوخشاشلا بېنتىلىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، ھەشەمەتلىك بۇ ئاپتوموبىلدا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن. ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتى ئىنتايىن قالتىس بولغاندىن سىرت يەنە قۇراشتۇرۇلغان ھەرقايسى ماتېرىياللارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇق چاچتىنمۇ ئىنچىكە بولغان 0.1 مىللىمېتىر ئەتراپىدا كونترول قىلىنغان.

20171012221008639.jpg

ئومۇمىي ئىچكى بېزەك ماتېرىياللىرى ھەشەمەتلىك بولغاندىن سىرت، بۇخىل ماتېرىياللار ئىلگىرىدىكىدىنمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنى يېنىكلەشتۈرۈش ئۆلچىمىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان. ھەرقايسى ماتېرىياللار ئارىسىغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇملاردا « diamond in diamond » ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدە خۇرۇملار بار. ئارىسىدا يەنە كەشتە سەنئىتى بار بولۇپ، گۈللۈك كەشتە سەنئىتى تەتقىقاتى ئۈچۈنلا 18 ئاي ۋاقىت كەتكەن. كەشتە ماشىنىسى رومبا شەكىللىك كەشتىنى خۇرۇم ئۈستىگە كەشتىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ھۈنەرۋەنلەر قول ئارقىلىق بىر – بىرىگە تىكىپ چىقىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئاپتوموبىل ئىچىدە يەنە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار بار. مەسىلەن ئۈچ دانە مەركىزى كونترول تاختىسىنى ئۆز – ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىرسى كونترول سۇپىسى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى بېزەك تاختا بولۇپ،  يەنە بىر كونترول تاختىسىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېمپېراتۇرا، كومپاس ۋە ۋاقىت ھېسابلىغۇچتىن ئىبارەت مېخانىكىلىق سائەت، ئەڭ ئاخىرقى كونترول تاختىسى بولسا 12.3 سۇڭلۇق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چەكمە ئېكران. بۇ چەكمە ئېكران ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن بىرگەۋدىلەشكەن بولۇپ، بۇ بېنتىلىي تۇنجى ئىشلەتكەن يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى چوڭ چەكمە ئېكران ھېسابلىنىدۇ.

4: موتور تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان.

3 – ئەۋلاد بېنتلىي Continental GT غا گەرچە ئالدىنقى ئەۋلاد ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن موتور ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ 6.0 لىتىرلىق W12 موتور قايتا تەڭشىلىش ئارقىلىق ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى %7.5 ئۆرلەپ، ئومۇمىي قۇۋۋىتى 635 ئات كۈچىگە يەتكەن. تولغىنىش كۈچى بولسا %25 ئۆرلەپ 900 نىيوتۇن مېتىرغا يەتكەن. ئەلۋەتتە بۇ كۈچ موتورنىڭ ھەرمىنۇتلۇق ئايلىنىشى 1350 تىن 4500 گىچە بولغان ئارىلىقتا پارتلاپ چىقىدۇ.

20171012221008792.jpg

سۈرئەت ساندۇقى بولسا ئەڭ يېڭى تىپتىكى 8 خوتلۇق قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ساندۇقى بولۇپ، موتور ۋە سۈرئەت ساندۇقىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ئاپتوموبىل سۈرئىتى تۇرغۇن ھالەتتىن 100km/h كە چىقىش ئۈچۈن 3.7 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئالدىنقى ئەۋلاد ئاپتوموبىلدىن 0.8 سېكۇنت تېز. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى بولسا 333km/h كە يەتكەن.

20171012220527728.jpg

5: ھەقىقىي يارقىن نۇقتا تەگلىك.

بۇ ئەۋلاد Continental GT نىڭ تەگلىك قىسمىدا بېنتلىي يېتەرلىك كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئالدى ۋە كەينى تىرىگۈچنىڭ تەڭشىلىشىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قىسمىنىمۇ يېنىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىگۈچنىڭ ماتېرىيالى ئاساسەن ئاليۇمىن بىرىكمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان.

20171012221008449.jpg

يېڭى تىپتىكى ھاۋالىق پۇرژۇننىڭ ھاۋا ساقلاش مىقدارى %60 كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى يۇمشاقلىق ۋە قاتتىقلىق تەڭشىلىش دائىرىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەڭ يېڭى 48V لىق سىستېمىنىڭ تۈركىسىدە، تىرىگۈچكە Bentley Dynamic Ride سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ سىستېما ئاپتوموبىل تىرىگۈچىنىڭ يانغا تىرىشىنى ئاساسەن يوق قىلىۋېتەلەيدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل تىرىگۈچى سىستېمىسى 0.3 سېكۇنت ئىچىدە 1300 نىيوتۇن مېتىر كۈچنى تىرەپ تۇرالايدۇ. بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بولغان راھەتلىك ۋە قاماللاش كۈچىگە ئېرىشىش تەس ئەمەس. ئەلۋەتتە ئاپتوموبىلنىڭ سۆرەش شەكلىگە ئالدىنقى ئەۋلاد ئاپتوموبىل Continental GT3-R دىكى تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن.

20171012221008220.jpg

ئىسمى جىسمىغا لايىق كاستۇم كىيگەن تەنھەرىكەتچىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلى مانا مۇشۇنداق كەڭ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشتى!

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن كەلدىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ توكلۇق ماشىنىغا مەن تازا ناقايىل ، يەنىلا بىنزىن ماتورغا ئىشتىياقىم بار، راس ما ۋۇ ماشىنا ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندىم ھەيدىگەن ماشىننىڭ يېڭى نۇسقىسىمۇ

  • 147******751 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەر قايسى ماتېرىياللارنىڭ ئارىلىقى 0.1 مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىنغان، ھەقىقەتەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنچىكىلىك

  • 147******751 ھەپتە ئىلگىرى

    كاستۇم كىيگەن تەنھەرىكەتچى ماۋۇ گەپ بەك قاملىشىپتۇ.

  • يىتەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمما زە بولىدىكەن جۇمۇ ما ماشىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号