باش بەت

شەرىفە

889يوللانما
70مەستانە

ھىندىستانلىقلار بىر ئۈستەلنى ئۈچ يىلدا ياسامدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 22:45 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستان مەنسۇر. ئەنئەنىۋى ئۆي جاھازىلىرى ياسايدىغان ئائىلىۋى سانائەت ئورنى. بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مەدەنىيەت شەھىرى ئىدى، خان ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئامراق ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلاتتى.

 

 ئۆي جاھازلىرىدىكى نەقىشلەر. 500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ قەدىمىي شەھەر مەنسۇردا كۆپ مىقداردا قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىراسلار بار.

نەپىس ئويۇلغان نەقىشلەر. ئويۇلغىنى كۆپىنچە دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەت ھېكايىلىرى.

 خوجايىننىڭ دېيىشىچە بۇ ئۈستەلنى ياساپ چىقىشقا ئۈچ يىل كېتىدىكەن، ئىش ھەققى خەلق پۇلىدا ئۈچ تۈمەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، جىننەگە ئاپىرىش ھەققى 450 مىڭ رۇپىيە، ئامېرىكىغا يۆتكەش ھەققى بولسا 800 مىڭدىن رۇپىيەدىن بىر مىليون رۇپىيەگىچە بولىدىكەن.

زاۋۇتتا ھەر يەردە ياغاچ ماتېرىياللار، بۇ ئەتىرگۈل ياغىچى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.

ئىشچىلارنىڭ كۈندە بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى ئىلاھىغا گۈل تەقدىم قىلىش.

ھەر بىر ئۆيدە ئىلاھلار بولىدۇ، ھەممىسىگە گۈل قىسىپ قويۇلغان.

ھەممە كوچىدا دېگۈدەك بۇنداق ھۈنەرۋەنلەر بار، بۇ ئىشنىڭ كۆپ قىسمى قولدا پۈتۈپ چىقىدۇ، شۇڭا باھاسىنىڭ ئۇنداق قىممەت بولۇشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن ھۈنەرۋەن.    


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号