باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

435يوللانما
4مەستانە

ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنىڭ باش تېمىلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:15 0 ئىنكاس چۈشتى

1972-يىلى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىمدا ئېچىلغان 27-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت مۇھىت  يىغىنىدا، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ  5-كۈنىنى «دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى» قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان.

1973-يىلىدىن بۇيانقى «دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى» باش تېمىسى تۆۋەندىكىدەك:

1974-يىلى: — پەقەت بىرلا يەر شارى بار.

1975-يىلى: — ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىشى.

1976-يىلى: —  سۇ، ھاياتلىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى.  

1977-يىلى: — ئوزون قەۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ۋە ئورمانلىقلارنى قالايمىقان كېسىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى!

1978-يىلى: — بۇزغۇنچىلىق بولمىغان تەرەققىيات.

1979-يىلى: — بالىلار ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن- بۇزغۇنچىلىق بولمىغان تەرەققىيات.

1980-يىلى: — يېڭى 10 يىل، يېڭى رىقابەت — بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان تەرەققىيات.

1981-يىلى: — يەر ئاستى سۈيى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى قوغداپ، زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى!

1982-يىلى: — ستوكھولم ئىنسانىيەت موھىت يىغىنىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش — مۇھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

1983-يىلى: — زىيانلىق تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

1984-يىلى: — قۇملۇقلىشىش.

1985-يىلى: — ياشلار، نوپۇس، مۇھىت.

1986-يىلى: — مۇھىت ۋە تىنچلىق.

1987-يىلى: — مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشىش.

1988-يىلى:— مۇھىتنى قوغداش، سىجىل تەرەققىيات، ئاۋام، خەلق قاتنىشىش.

1989-يىلى:— يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىن ھوشيار تۇرايلى!

1990-يىلى:— بالىلار ۋە مۇھىت.

1991-يىلى:— كىلىمات ئۆزگىرىشى — پۈتۈن يەر شارىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشغا موھتاج.

1992-يىلى: — پەقەت بىرلا يەر شارى بار — بىرلىكتە كۆڭۈل بۆلۈش، ئورتاق بەھرىمان بولۇش.

1993-يىلى: — نامراتلىق ۋە مۇھىت — يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشتىن قۇتۇلۇش.

1994-يىلى: — بىرلا يەر شارى بىرلا ئائىلە.

1995-يىلى: — پۈتۈن دۆلەتلەردىكى خەلق ئىتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى يارىتايلى!

1996-يىلى: — بىزنىڭ يەر شارى، ئولتۇرۇشلۇق ماكان، ئائىلە.

1997-يىلى: — يەر شارىدىكى ھاياتلىق ئۈچۈن.

1998-يىلى: — ھاياتلىق ئۈچۈن — دېڭىز-ئوكيانلارنى قۇتقۇزۋالايلى!

1999-يىلى: — يەر شارىنى قۇتقۇزغانلىق كەلگۈسىمىزنى قۇتقۇزغانلىق.

2000-يىلى: — يېڭى ئەسىر مۇھىت ئېراسىغا ئاتلىنايلى!

2001-يىلى: — دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، ھاياتلىق تورى.

2002-يىلى: — يەر شارى ھاياتىي كۈچكە تولسۇن!

2003-يىلى: — سۇ — ئىككى مىليارت ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.

2004-يىلى: — دېڭىز–ئوكياننىڭ ھايات–ماماتلىقىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

2005-يىلى: — يېشىل شەھەر قۇرۇش، يەر شارىدىن پاناھ تىلىمەكتە!

2006-يىلى: — قۇملۇق ۋە چۆللىشىش.

2007-يىلى: — مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن.

2008-يىلى: — ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرەيلى.

2009-يىلى: — يەر شارى سىزگە ئېھتىياجلىق.

2010-يىلى: — كۆپ خىل تۈر. بىردىن بىر پلانېت، ئورتاق كېلەچەك.

2011-يىلى: — ئورمان : تەبىئەت سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا!

2012 يىلى: — يېشىل ئىقتىساد، سىزمۇ قاتنىشىڭ!

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号