باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

409يوللانما
6مەستانە

ئوزون گازىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:28 2 ئىنكاس چۈشتى

ئوزون بولسا ئوكسىگېن گازىنىڭ بىر قوشۇمچە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا بىر خىل ئالاھىدە سېسىق پۇراققا ئىگە سۇس كۆك رەڭلىك گاز. ئوزون ئاساسلىقى يەر يۈزىدىن 35~20 كىلومىتىر ئېگىزلىكتىكى ستراتوسفېرا (تەكشى ئېقىملىق قاتلام) قاتلىمىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى ئوزون قاتلىمىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاتموسفېرادىكى ئوزون قاتلىمى قۇياشتىن كېلىدىغان ئۇلتۇرا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ، كىشىلەرنى قۇياش رادىئاتسىيەدىن قوغدايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئوزون قاتلىمىنى يەر شارىدىكى جانلىقلارنى قوغداپ تۇرىدىغان تەبىئى قالقان دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بىراق ئوزون قاتلىمىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ئارلىقى بەك يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا خىزمەت قىلدۇرۇش پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ھازىر كۆپ مىقداردا  ئوزون ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن  ئاجايىپ سېھرىي كۈچگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوزون ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىدىكى 3-ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ خۇسۇسيىتىدە ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىئونلىشىش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە باشقا ماددىلارنى ئوكسىدسىزلاپ ياكى ئۆزلىكىدىن ئوكسىدسىزلىنىپ ئوكسىگېن گازىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئالىملار ئوزوننىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ سۇ ۋە ھاۋادا ھەر خىل ئورگانىك ماددىلار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىدىغانلىقى ھەم رېئاكسىيە جەريانىدا ھاسىل بولىدىغان باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، زەھەرسىزلەش، سېسىق پۇراق يوقىتىش، ئاقارتىش قاتارلىق ئوكسىدلاش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

بۇ جەھەتتىن بىز ئوزوننىڭ ھاۋا ۋە سۇدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئىلمىي تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، سۇدىكى ئوزوننىڭ قويۇقلىقى %0.5×10-7 بولغان ۋاقىتتا پەقەت بىر ئىككى مىنۇت ئىچىدىلا سۇدىكى %99دىن ئارتۇق باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاۋا ۋە سۇ تەركىبىدىكى ماددىلار، مەسىلەن كاربون چالا ئوكسىد، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئېغىر مېتاللار، خىمىيەلىك ئوغۇت، ئورگانىك ماددا قاتارلىقلارنى پەقەت ئوزون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن كىشىلەرگە زىيانسىز بولغان ماددىلارغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئوزوننىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئوزون ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسى، سۇ ئاستى كېمىسى قاتارلىقلارغا ئورنىتىپ، بۆلۈمچىنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگېن گازىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ ھەم بۆلۈمچىنىڭ ئىچىدىكى بۇلغانغان ھاۋانى پاكىزلاش مەقسىدىگە يېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزون يەنە نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سۇ تازىلىغۇچقا ئايلىنىپ قالدى.

يېقىندا تەتقىقاتچىلار يەنە ئوزوننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزگىنلەش جەھەتتىمۇ ئاجايىپ ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى، ھاۋادىكى ئوزون مىقدارى %0.5گە يەتسىلا، 8 كۈن ئىچىدە %40دىن ئارتۇق راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى، بىراق نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئارقىلىق ئالىملار ئوزوننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى كونترول قىلىش ۋە راك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇپ يەتتى.

ئوزون گازى يەنە يېمەكلىكلەرنى يېڭى ساقلاش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئاقارتىش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوزوننى سۇدا ئېرىتىپ ئوزون سۈيى ھاسىل قىلىپ، ئوزون سۈيىدە قوغۇن–تاۋۇز ۋە باشقا سەي-كۆكتاتلارنى يۇيغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يۇزىدىكى قالدۇق دىھقانچىلىق دورىلىرى ۋە سېسىق پۇراقلارنى پاكىز چىقىرىۋىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنى يېڭى ساقلاش ۋاقتىنى يەنىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

كىشىنى يەنە ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئوزون سۈيى بىلەن چىشنى چوتكىلىغاندا ھەر خىل چىش كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالىغىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئوزون سۈيى بىلەن يۇيۇنسا تېرە كېسىلى، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى، بەدەندە ئۆسمە ھاسىل بولۇش ۋە باشقا نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەكىل2 كۈن ئىلگىرى

    ئوزۇن سۈيى دىگىنىمىز قوش ئوكسىگىنلىق سۇ شۇ بولغىيمىتى ؟

  • غورا1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ ماقالىدىن باشلاپ 15-ماقالىدە ئوزۇن گازىنى زىيانلىق دەپ باركەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号