باش بەت

ئىدىقۇت887

6622يوللانما
9مەستانە

ئامېرىكا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:15 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئۆكتەبىر كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىش قارارى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئامېرىكىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىدىن «چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر نەپەر نامسىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى تەستىقلىشىنى ئىسرائىلىيىگە قارشى قىلمىش دەپ قاراپ، بۇ قارارغا قارىتا نۇرغۇن قېتىم تەنقىدىي مەيدانىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ قىلچە نەتىجىسى بولمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانىكەن.



ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى باياناتتا مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ھەرگىزمۇ ئالدىراپ چىقىرىلغان قارار ئەمەس. بۇ باياناتتا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق تۈردە «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سۈپىتىدە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەلىقئارا مەسلىلەرگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى تىللېرسون 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قارارىنى يەتكۈزگەن. ئۇ  9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسىدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا ئامېرىكا تەرەپنىڭ  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە داۋاملىق تۈردە «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سۈپىتىدە  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا خەلىقئارا مەسلىلەرگە قارىتا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەسىرىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا 1984-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئامېرىكا تەرەپنىڭ  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.2003-يىلى، يەنە  ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە قايتىدىن مەزكۇر تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەنىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2011-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىنى باھانە قىلىپ  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى توختاتقانىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ يىلى مەزكۇر تەشكىلاتقا تاپشۇرۇلىدىغان 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەدەل پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولۇپ،بۇ بەدەل پۇلى   ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇمۇمىي مالىيە خامچوتىنىڭ %22 نى ئىگەللىگەنىدى. شۇ سەۋەبلىك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەجلىسىدە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرماسلىق قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا قەرز بولۇپ قالغان بەدەل پۇلىنىڭ يىلسېرى تېخىمۇ ئېشىپ زورىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ  ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قەرز بولۇپ قالغان ئەزالىق بەدەل سوممىسى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号