باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

409يوللانما
6مەستانە

يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال -- ھىدروگېن ساقلايدىغان ئاجايىب قېتىشمىلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:22 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنئەنىۋىي ھىدروگېن ساقلاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئىككى خىل بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى يۇقىرى بېسىملىق پولات تۇڭ (يەنى ھىدروگېن گازى تۇڭى)لاردىن پايدىلىنىپ ساقلاشتىن ئىبارەت، ئەمما پولات تۇڭلاردا ساقلىنىدىغان ھىدروگېن گازىنىڭ ھەجمى كىچىك بولۇپ، تۇڭدىكى ھىدروگېن گازىنىڭ بېسىمىنى كۈچەيتىپ 150 ئاتموسفېرا بېسىمىغا يەتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، قاچىلانغان ھىدروگېن گازى ماسسىسى ھىدروگېن گازى تۇڭى ماسسىسىنىڭ %1گىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پارتىلاپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېننى ساقلاشتىن ئىبارەت، يەنى تېمپېراتۇرىنى نۆلدىن تۆۋەن ℃253غا چۈشۈرۈش ئارقىلىق گاز ھالەتتىكى ھىدروگېن سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلۇپ ساقلىنىدۇ، ئەمما سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېننى ساقلاش ساندۇقى بەك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى ساندۇققا سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان قۇرۇلما ئورنىتىش ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى ئايرىۋەتكەندىلا، ئاندىن سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېننىڭ قايناپ گازلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئاددى ھەم قولايلىق ھىدروگېن ساقلاش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىدىن، يەنى مېتاللىق گىدرىدلاردىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ساقلاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەلۇم خىل مېتال ئىنتايىن كۈچلۈك ھىدروگېننى تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بەلگىلىك تېمپېراتۇرا ۋە بەلگىلىك بېسىم شەرتى ئاستىدا بۇ خىل مېتاللار كۆپ مىقداردىكى ھىدروگېن گازىنى سۈمۈرىۋېلىپ، رېئاكسىيەلىشىش ئارقىلىق مېتاللىق گىدرىدلارنى ھاسىل قىلىش بىر ۋاقىتتا يەنە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل مېتاللىق گىدرىدلار قىزدۇرۇلغاندا ئۇلار يەنە پارچىلىنىپ ساقلىۋالغان ھىدروگېن گازىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل ھىدروگېن گازىنى سۈمۈرۋالىدىغان قېتىشما ئادەتتە ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشما دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىنىڭ ھىدروگېن ساقلاش ئىقتىدارى ئادەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بىرلىك ھەجىمدىكى ھىدروگېن ساقلاش زىچلىقى ئوخشاش بېسىم ۋە ئوخشاش تېمپېراتۇرا ئاستىدا گاز ھالەتتىكى ھىدروگېننىڭ 1000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ 1000 ئاتموسفېرا بېسىمىغا تەڭ كېلىدىغان پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىم بىلەن ھىدروگېن ساقلىغانغا باراۋەر كىلىدۇ.

نۆۋەتتە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار ئاساسلىقى تىتان سىستېمىسىدىكى ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار، سىركونىي سىستېمىسىدىكى ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار، تۆمۈر سىستېمىسىدىكى سىستېمىسىدىكى ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار ۋە سىرەك يەر مېتاللار سىستېمىسىدىكى ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار ئارقىلىق يەنە ھىدروگېن گازىنى ساپلاشتۇرۇشقا ۋە يىغىۋىلىشقا بولىدۇ، ئۇلار ئادەتتە ھىدروگېن گازىنىڭ ساپلىقىنى ئەڭ يۇقىرى ساپلىق دەرىجىسىگە يەتكۈزەلەيدۇ. مەسىلەن ھىدروگېن ساقلاش قېتىشىمىدىن پايدىلىنىپ ئادەتتە تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ساپلىق دەرىجىسى %99.99999دىن يۇقىرى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ ھىدروگېن ئىلىشقا بولىدۇ.

ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلار ئەمەلىيەتتە بىر خىل كرىستال يوچۇقلىرىدا كۆپ مىقداردا ھىدروگېن ئاتوملىرىنى ساقلايدىغان قېتىشما ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل قېتىشمىلارنىڭ ئادەتتە تەتۇرسىگە ھىدروگېن سۈمۈرۈپ قويۇپ بېرىدىغان ئاجايىپ ئىقتىدارى بار. بۇ خىل قېتىشمىلار ئۆز ھەجىمىنىڭ نەچچە مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان ھىدروگېننى گازىنى ساقلىيالايدۇ، ھىدروگېننى سۈمۈرۈش زىچلىقى سۇيۇق ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ھىدروگېننىڭ زىچلىقىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۇستىگە يېنىك ھەم بىخەتەر بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشما بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئاساسىي ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك: 1، ھىدروگېن ساقلاش مىقدارى چوڭ بولۇش كېرەك. 2، ئاسان ئاكتىپلاشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇش كېرەك. 3، ئاجىرىلىش بېسىمى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. 4، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ھىدروگېننى سۈمۈرۈش ۋە قويۇپ بېرىش رېئاكسىيەسى تېز بولۇش كېرەك. 5، تەننەرخى تۆۋەن، ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن بولۇش كېرەك.

نۆۋەتتە ھىدروگېن ساقلايدىغان قېتىشمىلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھىدروگېن گازىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى كۈنسېرى كەڭ ئومۇملىشىشقا باشلىدى. سانائەت ساھەسىدە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللار ناھايىتى تېزلا ھىدروگېننى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان يېقىلغۇ باتارىيەلىرىنىڭ رىقابىتىگە يۈزلىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللار مۇۋاپىق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللارغا ھىدروگېن ئىشلىتىلىپ، بېنزىننىڭ ئورنىدا يېقىلغۇ قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىلىرىدە ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى — ئامېرىكىنىڭ فورد، گېرمانىيەنىڭ بېنىز، ئامېرىكىنىڭ ھەممىباپ ۋە ياپونىيەنىڭ خوندا قاتارلىقلار نۆۋەتتە ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەتقىق قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزمۇ نۆۋەتتە بىر خىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى، بۇ خىل ئاپتوموبىلغا 90 كىلوگېرام ھىدروگېن ساقلايدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، 40 كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

بۇندىن كېيىن ئاپتوموبىللارغا يېقىلغۇ باتارىيەسى ئىشلىتىلىپلا قالماي بەلكى ئايرۇپىلان، پاراخوت، ئالەم ئايروپىلانى قاتارلىق قاچىلاش ۋە توشۇش قوراللىرىغىمۇ يېقىلغۇ باتارىيەسى ئىشلىتىلىپ، ئاساسى ياكى ياردەمچى ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号