باش بەت

ئىدىقۇت887

7094يوللانما
14مەستانە

سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونىنىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئۈلۈشى ئاران %1

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:16 12 ئىنكاس چۈشتى

AppBrainنىڭ ئانالىز سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Galaxy Note8نىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئۈلۈشى ئارانلا %1 بولغان. AppBrain بولسا ئاندىرويىد پىروگراممېرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك دېتالى بولۇپ، مەزكۇر دېتالدا مەلۇم خىل ئەقلىيفون ئىچىدىكى قانچىلىك يانفوننىڭ ئەپ پىروگراممىسى ئارقىلىق ئۆز مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقارقى شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونىنىڭ  ئامېرىكا ۋە كورېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە ئاساسلىق بازارلاردىكى ئۈلۈشى ئارانلا %1كە يەتكەن.

سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونى ئامېرىكىدا ئەڭ قارشى ئېلىنغان يانفونلار رەت تەرتىپىدە 21-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يانفون ئاۋستىرالىيە ۋە كورېيەدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان يانفونلار رەت تەرتىپىدە ئايرىم -ئايرىم ھالدا 15-ئورۇن ۋە 17-ئورۇندا تۇرغان. گەرچە سامسۇڭ شىركىتى Galaxy Note 8 يانفونىنىڭ ئورگان تەرەپ سېتىلىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز مەزكۇر يانفوننىڭ ئەنگىلىيە ۋە ئىرېلاندىيەدىكى دەسلەپكى  ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ھېچبولمىغاندا خېلى يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. AppBrainنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونى بىلەن S8+ يانفونىنىڭ ئۇمۇمىي بازار ئۈلۈشى %6كە يېتىدىكەن.



ياۋروپادىكى ئېستىمالچىلار سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونىنىڭ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىلىق Note يانفونى بولسا Galaxy Note 4 يانفونى بولۇپ قالغانىدى. سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونى بۇ يىل 9-ئايدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يانفونغا تولۇق ئېكران، 64GBلىق ساقلىغۇچ شۇنداقلا ئالما iPhone 8 Plus يانفونىغا ئوخشايدىغان قوش كامىرا سەپلەنگەنىدى. لېكىن بۇ يانفوننىڭ بازاردىكى داڭقى يەنىلا ۋاقىتلىق بولۇپ قالغان، چۈنكى گۇگول شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا Pixel 2 يانفونىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، Pixel 2 يانفونى نۆۋەتتە يانفون بازىرىدىكى  رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ئىلغار  ئەڭ بازارلىق ئەقلىيفون بولۇپ قالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەسۇر3 ئاي ئىلگىرى

    باھاسىنى تازا چۈشەسە ئەپ ئىشلتىتىم

  • °Talk3 ئاي ئىلگىرى

    توۋا دەيمەن ، پۇتبولدا باساچىلاربىلەن خۇاڭمانىڭ جېدىلى،تېلفۇندا ئالمىچىلاربىلەن سامسىچىلار جېدىلى، قىززىق جۇمۇ بىرخىل …

  • ئالما مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈن بىرسى بىلەنs8تىن بىرنى ئەكىرىپتۇ ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى چىرايىڭ تونۇتۇپ ئىكران قۇلۇپىنى ئېچىپ باقە دىسەم ساقىلىم ئازراق ئۆسەپ قالسا تونمايدىكەن دەيدۇ ھېچقانداق ئالاھىدىلىكىمۇ يوققۇ ئۇ سامسىنىڭ

  • مەن كەلدىم3 ئاي ئىلگىرى

    سامسىنىڭ نوتىسى ئەزەلدىن ناچار قىززىيدۇ ،توك يەتمەيدۇ ئىشقىلىپ ناچار

  • مەرىپەت3 ئاي ئىلگىرى

    راس راس ... سۈرخان بامۇ يا ؟؟
    سامسۇڭ بەك ياخشى دەۋەتمەمسىز يەنە بىر

  • راس3 ئاي ئىلگىرى

    ئىككى قات نەرسە پادىشاھ بولالماس كىيىنچە ئىككى بوپ قالىدۇ

  • گوپى3 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە شۇنداق بۇ يەردە ئالما پادىشاھ

  • 133******543 ئاي ئىلگىرى

    مەن يەنىلا سەنشىڭ S8+تىلغۇنۇمنى ياخش كۆرۇمەن

  • 133******543 ئاي ئىلگىرى

    مەن قانداقلا بولسۇن سامسۇڭنى ياخش كۆرۇمەن

  • 沉默3 ئاي ئىلگىرى

    سېتىلىشى قانداق بولسا بىزنىڭ نىم كارىمىز تالاش تارتىش قىلماڭلا باللا ،جىق ساتسا بىر موچەننىمۇ بەرمەيدۇ سىلەرگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号