باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

409يوللانما
6مەستانە

يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:18 0 ئىنكاس چۈشتى

شىۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيە ئالىملىرى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى بىلەن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

40 يىلدىن بېرى گېرمانىيە ئالىملىرى گېرمانىيەنىڭ كۆلن ۋە كارلسىرۇخېدىن ئىبارەت ئىككى شەھىرىدىكى تۇرۇبا زاۋۇتىدا ئىزچىل شەھەر ئەتراپىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ، سانلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرلەپ ماڭغان.

سانلىق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 40 يىلدىكى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق كىلىماتنىڭ ئىللىش مەزگىلىدە يەر يۈزىگە يېقىن يەر ئاستى سۈيى ياكى چوڭقۇرلىقى 60 مېتىر ئەتراپىدىكى يەر ئاستى سۈيى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ بايقاشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى مۆلچەرلەش بىر قەدەر قىيىنغا توختىسىمۇ، بىراق پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىر تەرەپتىن يەر ئاستى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەر ئاستى سۈيىگە بېقىنىدىغان جانلىقلار چەمبىرىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنكەن. بولۇپمۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ھايات كەچۈرىدىغان جانلىقلار (مەسىلەن بەزى بېلىق تۈرىدىكىلەر)غا نسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا، يەر ئاستى سۈيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى ئۇلارغا ئەكىس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكەن.

يەر ئاستى سۈيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى يەنە يەر ئاستى سۈيىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبىگە، بولۇپمۇ نىترات كىسلاتا تۇزى ياكى كاربونات كىسلاتا تۇزى قاتارلىقلارنىڭ خىمىيەلىك مۇۋازىنىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەر ئادەتتە بىر قەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتى ئاستىدا تېخىمۇ تېز ئىجرا بولىدۇ. تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەن سۇ مۇھىتىدا باكتېرىيەلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر يەر ئاستى سۈيى ئىللىپ كەتسە ئاشقازان ئۈچەي يولىدىكى كېسەللىك مىكروپلىرى قاتارلىق زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号