باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

409يوللانما
6مەستانە

ۋېنېرادا دېڭىز-ئوكيان بارمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 23:57 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋېنېرا ۋە يەر شارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ماسسىسى بىلەن زىچلىقىمۇ يېقىن كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېنېرا قويۇق ئاتموسفېرا قاتلىمىغا ئىگە بولۇپ، ئاتموسفېراسىدا سۇ ھورى بار. كىشىلەر ئادەتتە بۇ ئىككى چوڭ سەييارىنى ئۆز-ئارا «قوشكېزەك» دەپ ئاتايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، يەر شارى ھەجمىنىڭ %71تىنى دېڭىز–ئوكيان قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ۋېنېرادىمۇ دېڭىز-ئوكيان بارمۇ؟

ئامېرىكا ئېمس تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىم بولاك جامېسنىڭ قارىشىچە، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن ۋېنېرادا ھەقىقەتەنمۇ دېڭىز-ئوكيانلار بولغان، بىراق ھازىر بۇ دېڭىز–ئوكيانلار ئاللىبۇرۇنيوقالغان. سەۋەبى ئېھتىمال تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىبۋتلىك بولىشى مۇمكىن:

1. قۇياش نۇرى سۇ ھورىنى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېنغا ئاجىرتىۋەتكەن. ھىدروگېن گازى يېنىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋېنېرانىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

2. ۋېنېرا ئۆزگىرىش ھالىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىچكى قىسىمدىن غايەت زور مىقداردىكى ئوكسىدسىزلىغۇچى گازلار قويۇپ بېرىلگەن، بۇ ئوكسىدسىزلىغۇچى گازلار بىلەن سۇ ھورى ئۆز-ئارا تەسىرلىشىش نەتىجىسىدە سۇ ھورى خوراپ تۈگەپ كەتكەن.

3. ۋېنېرانىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئېتىلىپ چىققان قىزىق ھالەتتىكى ماگما تەركىبىدىكى تۆمۈر ۋە باشقا بىرىكمىلەر سۇ بىلەن تەسىرلىشىش نەتىجىسىدە سۇ ھورى خوراپ تۈگەپ كەتكەن.

ئەمما ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فىلەنىك قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار: «ۋېنېرادا ئەزەلدىن دېڭىز-ئوكيان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان، ۋېنېرانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئاز مىقداردا سۇ ھورى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئەمما بۇ سۇ ھورلىرى دېڭىز-ئوكياندىن پارلىنىپ چىققان سۇ ھورى ئەمەس، بەلكى نەچچە مىليارد يىللاردىن بىرى ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرۇۋاتقان ئۇششاق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى تەرىپىدىن پەيدا بولغان، چۇنكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ يادروسى ئاساسلىقى مۇز ھالەتتىكى سۇدىن تەركىپ تاپقان» دەپ قارايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号