باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

409يوللانما
6مەستانە

PM2.5 سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 00:01 0 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا تەتقىقات گورۇپپىسىدىكى ئالىملار ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلىقى يۇقىرى بولغان جۇڭگو، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىگە تەكشۇرۇش ۋە ئۆلچەش ئەسۋاپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق 7 ئورۇندا ئۇدا 6 يىل تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەشنى داۋاملاشتۇرغان ھەم ئېرىشكەن سانلىق ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن سانلىق قىممەت ئۇچۇرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان.

نەتىجىدە تەتقىقات گورۇپىسىدىكى ئالىملار ئاتموسفېرادىكى PM2.5قاتارلىقدانچىسىمان لەيلىمە ماددىلار قانچە كۆپ بولغانسىرى يەر يۈزىگە يېقىن ئەتراپتىكى ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆلچەپ چىقىلغان ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق قىممەتلەرنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى تەكشۈرۈپ چىققان سانلىق قىممەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقات گورۇپىسىدىكى ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ھەمراھ ئادەتتە نۇر سپېكترىدىن پايدىلىنىپ بوشلۇقتىن يەر يۈزىگىچە بولغان ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلىقىنى ئۆلچەيدۇ، PM2.5نىڭ قويۇقلىقى قانچە يۇقىرى بولسا قۇياش نۇرىنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىش دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچىگەن سانلىق قىممەت ئۇچۇرلىرى توغرا بولماي قالىدۇ، ئېھتىمال بۇ ھەقىقى سانلىق قىممەتتىن %50~%30گىچە تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بىزنىڭ ئويلىغىمىزدىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号