باش بەت

نۇسرەتگۈل

8975يوللانما
149مەستانە

قوشنىمىز مارسنىڭ سىرى: مارسلىقلار نەدىن كەلگەن؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 11:30 9 ئىنكاس چۈشتى

تاشقى پىلانېتا ئادىمى ھەۋەسكارلىرى مارستا تاشقى پىلانېتا ئادىمى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، شۇڭا مارسقا ئاياغ بېسىشتىن بۇرۇن ئاسترونوملارمۇ بۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدى. ھالبۇكى، «جاسارەت» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى بىزگە ھېچقانداق ھاياتلىق ئىزناسى يوق مارسنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت كىشىلەرنىڭ مارس قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى. ئۇنداقتا ئادەملەر ھەتتا ئاسترونوملار نېمىشقا مارسقا بۇنچە قىزىقىدۇ؟

1. يەر شارىنىڭ قوشنىسى

ئەگەر ئىنسان ھازىرغىچە كۆزىتىپ كەلگەن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىرەرسىدە جانلىق بار دېيىلسە، تۇنجى بولۇپ ئېسىمىزگە كېلىدىغىنى چوقۇم مارس بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئۇ يەر شارىنىڭ قوشنىسى، ئوخشاشلا يەر تۈرىدىكى پىلانېتا، تېمپېراتۇرىسى مېركۇرېينىڭكىدەك يۇقىرى ئەمەس، شۇنداقلا پىلوتۇننىڭكىدەك بەك تۆۋەنمۇ ئەمەس، كېچە بىلەن كۈندۈزى ۋە تۆت پەسلى ئىنتايىن ئېنىق، شۇڭا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

مارسنىڭ يەنە يەر شارىغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭى ۋە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى قاتارلىق جەھەتلەردە يەر شارىغا بەكلا يېقىنلىشىدۇ، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەخمىنەن يەر شارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر يەر شارىغا ئەڭ ئوخشايدىغان بۇ پىلانېتا جانلىق مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلىقىغا ئىشىنىدۇ.

2. ئاتموسفېرا بار

ئاسترونوملارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئاتموسفېرا ھاياتلىق مەۋجۇتلۇقىنىڭ زۆرۈر شەرتى، بىز بىلىدىغان نۇرغۇن ئاسمان جىسىمى ئارىسىدا پەقەت مارستىلا ئاتموسفېرا بار. گەرچە ئاتموسفېراسى يەر شارى ئاتموسفېراسى زىچلىقىنىڭ ئاران %1 ىگە باراۋەر بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇ يەردە جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور.

3. سۇ بار

ھاياتلىق ئۈچۈن سۇ بولمىسا بولمايدۇ. ئىنسان مارسنىڭ تاشقى قاتلىمىدا نۇرغۇن جىلغا بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «بۇ بەلكىم سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى» مۇمكىن دەپ قارىدى.

ئالىملار مارسنىڭ تاغ جىلغىلىرىدا قېنىق رەڭلىق يول-يول سىزىقلار بارلىقىنى بايقاپ، بۇنى تەركىبىدە تۇز بار سۇنىڭ چۆكۈندىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئەگەر سۇنىڭ تەركىبىدە تۇز بولسا، ئۇ سۇنىڭ مۇزلاش نۇقتىسى بىلەن قايناش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، مارسنى سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.

4. ئاز مىقداردا مېتان بار

مېتان ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئەڭ ئاددىي ئورگانىك ماددا، جانلىقلارنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن كېرەكسىز ماددا بىلەن ئورگانىك ماددىنىڭ پارچىلىنىشى مېتاننى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. «ۋىككىڭ» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا ئاز مىقداردا مېتان بارلىقىنى بايقىدى، شۇڭا بىز مارس تۇپرىقىدا ئىنتايىن كىچىك باكتېرىيە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز.

5. مارستىكى غەلىتە بايقاش

مارستا بايقالغان ئاجايىپ-غارايىپلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن: «مارستىكى ئادەم يۈزى»، «مارسلىق تاشقى پىلانېتا ئادىمى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ ئۇزاق يىللىق بوران-چاپقۇنلىرى پەيدا قىلغان غەلىتە تاشلار، لېكىن بۇنداق «تاسادىپىيلىق» لارنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى كىشىدە ھەقىقەتەن گۇمان قوزغىماي قالمايدۇ. يېقىندا ئىنسانلار يەنە مارسلىقلارنىڭ «تاپانچا» سىنى بايقىدى.

خۇلاسە كالام، ئىنساننىڭ تاشقى پىلانېتا ئادىمىدىن گۇمانلىنىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بەلكىم ئىنسان مارسقا ھەقىقىي ئاياغ باسقان كۈنى بۇ سىرلارنىڭ ھەممىسى يېشىلىشى مۇمكىن.

مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاۋاستى1 ئاي ئىلگىرى

    قېنى شۇ مارىسلىقلار
    مارىس ئادەملىرىنى كۈرۈپ باقماي تۇرۇپ نەدىن پەيدا بولدى بۇ مارىسلىقلار دىگەن گەپ

  • تېخنىكا2 ئاي ئىلگىرى

    ufo توغىرسدكى مۇنازىرلەر ئەجايىپ سىرلىق ئاڭلىغان سىرى دىلىم يۇرۇپ كەتتى ! مۇشۇنداق ufo مۇنازىرە سۇپىسى باردۇ ؟

  • زۈلمەت2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ يەدە دەپتىغۇ يەنە مارىسقا ئاياغ ئىزى بېسىلمىغان دەپ،،ۋاقىت تونىلى دىگەندەك خەۋەرلەرنىمۇ بېرىۋەتكەن بولساڭلا

  • كەپسىز2 ئاي ئىلگىرى

    مەن مارېسقا چېقېشنې بەكمۇ ئارزۇ قېلېمەن ئايروپىلان ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفونى ئېلان قىلىنغان

  • ئەۋلىيا ئەزەم3 ئاي ئىلگىرى

    بىلىمخۇمارغا ئەگەشتىم …………

  • يۈسۈپ ،بەگ،،3 ئاي ئىلگىرى

    پىدائى بۇلشۇڭلا ئۈچۈنمۇ،يۇقرى سەۋيە تەلەپ قىلىندۇ،،بۇ خىزمەت ئۇخلاپ چۈشمىزدىمۇ بىزلەرگە تەگمەيدۇ ،

  • 180******753 ئاي ئىلگىرى

    پىدائىي بولۇپ بارسىڭىز.ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

  • 186******303 ئاي ئىلگىرى

    مارىستىمۇ جانلىقلار بولۇشىغا مەن ئىشىنىمەن.

  • بىلىمخۇمار3 ئاي ئىلگىرى

    پىدائىي بۇلۇپ تەكشۈرۈشكە بېرىشقا مەن بىرىنچى بۇلۇپ بارمەن مارىسقا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号