باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىستېپا بەردى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 12:30 10 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۋون ئوخيۇن (Kwon Oh-hyun) بۈگۈن باشقۇرۇش قاتلىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ CEOسى ۋە شىركەت پارچە زاپچاس تارمىقىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۋون ئوخيۇن ئىستېپانامىسىدە سامسۇڭ «مىسلىسىز دەرىجىدىكى كىرىزىس»قا دۇچ كەلگەن بولغاچقا مۇشۇنداق قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

كۋون ئوخيۇننىڭ سامسۇڭ ئېلېكترونى بىلەن تۈزگەن توختامىنىڭ ۋاقتى 2018-يلى 3-ئايدا توشىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ CEOسى، شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە سامسۇڭ ئېكران شىركىتىدىكى ۋەزىپىسىدىن بىراقلا ئىستېپا بېرىدۇ. 

كۋون ئوخيۇن 1985-يىلى سامسۇڭ رەھبەرلىكىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىگە كىرگەن، بۇلتۇر سامسۇڭ ئېكران شىركىتىنىڭ CEOلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 

كۋون ئوخيۇن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز مىسلىسىز دەرىجىدىكى كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، مەن شىركەتنىڭ قايتىدىن باشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شىركەت يېڭىچە روھ ۋە ياشلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا موھتاج، بۇ ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان IT كەسپىدىكى رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھاكاۋۇر6 ئاي ئىلگىرى

    gerip 6705 ھەي نەدە سىزنىڭ ئاشخانىڭىز، خىزمەت چىلىرىڭىزگە 3~4 يۈز يۈەن ئايلىق بېرىپ داپ چالدۇرامسېلە

  • سۈرخان6 ئاي ئىلگىرى

    1******1 ئالدىرما بىزنىڭ پايچەك ئۆسكىنىدىن خەۋرىڭ بامۇ سەن كىلىپ بىزنىۇ شىركەتتە تازلىق قىلە 3000 بىرىشىگە مەن كاپالەت باشلىققا دەپ

  • ساراڭ6 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ ئاداش ئالما شىركىتىگە كىرىپ دەرۋازىۋەن بولسا بولغىدك

  • سىرلق تەپەككۇر ،يۈسۈپ6 ئاي ئىلگىرى

    باشلىقى ،ئېستىپا بەرسە ،بۇ دىگەن ئۈسۈپ كەتكەن چاشقا ئوخشايدۇ ،كىسۋەتسە يەنە ئۆسۈپ چىقدۇ ،يەنە تۆۋەندە نۇرغۇن مۇاۋىن باشلىقلا با،،سامسۇڭ،ۋەيران بولدى دەپ جاكارلىسمو بۇنىڭ تۇلۇق چۇۋۇلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كىتدۇ ،سامسۇڭ يالغۇز يانفۇنلا ئىشلەپ چىقامايدۇ،يەنە نۇرغۇن ساھەلەدە،كوزۇر مەھسۇلاتلىرى با ،بۇ جەھەتتە ئالما يەتمەيدۇ ،ئالما پەقەت ئەقلىفون بىلەن چەكلىندۇ،ھازىرچە ،

  • ئازات -A Z A T6 ئاي ئىلگىرى

    ئىستىپا بەرگەن بولسا ئورنىغا سۈرخاننى سەپلەيمىز

  • سىرلىق گۈل6 ئاي ئىلگىرى

    《 1****1》 نىڭ ئىنكاسى نىمانداق قىززىق، ئاۋاز چىقىرىپ كۇلۇپ كىتىپتىمە زادى. ئۇف ۋاييەي.

  • 133******636 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئالدىرماڭلار باللار سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى ئۆستى، سامسۇڭ ئالدىراپ ۋەيران بولمايدۇ

  • گوپى6 ئاي ئىلگىرى

    ھەي نادان كورىيە دىگەن دۆلەت سىنىڭ ئۈيۈڭ ئەمەس بىرە شىركەت ۋەيران بولغانغا يوق بولۇپ كىتدىغان ،،،،ما سامسىچىلا ئەمدى ياخشىراق خىزمەت ئىزدەڭلا تازلىقچى بولساڭلامۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ،،،1,,,,1 گە ئىككى بىلەت كەتتى

  • مانچىستىر شەھىرى6 ئاي ئىلگىرى

    ھەي نادانلا بۇنى سامسۇڭنى ۋەيران بولدى دەپ چۈشۈنۋالغىننى، سامسۇڭ ۋەيران بولسا كورىيەمۇ ۋەيران بولىدۇ، سامسۇڭ ئالمىدەك ئاداتتىكى شىركەت ئەمەس

  • gerip67056 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى بۇسامسۇڭ ۋەېران بۇلىدىغان كۈنىگە كەپتۇ سۈرخان مىنىڭ ئاشخانامنىڭ تازلىقىنى قىلساڭ ئايدا 300يۈۋەن بىرىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号