باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ 3-پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسى %179 ئېشىشى مۇمكىن

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-13 12:21 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ بۈگۈن دېيىشىچە، شىركەتنىڭ 3-پەسىلدىكى مۆلچەر تىجارەت كىرىمى رېكورت يارىتىپ، 12 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىنكەن، شۇنداقلا ئوخشاش پەسىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى %179كە يېتىدىكەن. 

«رېيتېر ئاگېنتلىقى»نىڭ تەھلىلچىلىرى سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ 3-پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسىنى 14 تىرىليون 300 مىليارد ۋون ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغانىكەن، بىراق سامسۇڭ ئېلان قىلغان سان ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ چۈشۈپتۇ. سامسۇڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، شىركەتنىڭ 3-پەسىلدىكى بىرلەشمە تىجارەت كىرىمى 62 تىرىليون ۋوندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.7 ئاشىدىكەن، بۇ بازار مۆلچەرىدىكى 62 تىرىليون 100 مىليارد ۋوندىن ئازراق تۆۋەنكەن. 

يېقىنقى بىر قانچە پەسىلدە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالغان. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كۆرسەتكىنى پەقەت يېتەكچى سان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاندىن تولۇق دوكلاتنى ئېلان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى بۆلۈملەر 3-پەسىلدىكى كەسىپ نەتىجىسى دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغان. كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا بازارغا سېلىنغان Galaxy Note 8نىڭ بازارلىق بولۇپ كېتىشىمۇ سامسۇڭ ئېلېكتىرونىغا خېلى كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، Note 7نىڭ باتارېيەسىگە ئوت كېتىش سەۋەبلىك، سامسۇڭ ئېلېكتىرونى بۇ يانفوننى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان 5 مىليارد دوللارغا يەتكەن، بۇ سېتىشتىكى زىياننى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

يەر شارى مىقياسىدا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بازىرى شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، باشقا ئەقلىيفونلارنى، مەسىلەن iPhoneنى OLED ئېكران بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھزادە3 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر ئكراننن سامسۇڭ تەمنلمسە ئالمنى كم پولغا ئالدۇ ئكران جەتتن سامسۇڭغا يتدىغنى بامو ئكران كايسى بىرنڭ ئكرانى سامسۇڭغا يتدۇ

  • ھاكاۋۇر3 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ نوچى، مەن سامسۇڭنى قوللايمەن

  • سۈرخان3 ئاي ئىلگىرى

    كۈرەمىز گوپى ئۇت پىلتىسى سامسوڭ بەك ياخشى شۇڭا ئەلۋەتتە ئاشىدۇدە سامسوڭ بەك ياخشى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش يىڭى تىلفۇنىمىز چىقىشى بىلەن ماڭا ئوخشىاش قىز ئاياللارنىڭ ۋاي جىم تۇرىڭە ئەسكەرتىش مەن كورىيەلەك ئەمەس ساختا سۈرخانمۇ ئەمەس قز بالا ئىشقىلىپ سەل شوقراق ھە ئەمدى دەي شۇنىڭبىلەن تىلفۇنى چېقىلىپ كىتىش ئىكرانى ئىشلىمەسلىك يۈتۈپ كىتىش ئوغرى ئېلىش سوغا چۈشۈپ كىتىش رەسىمگە تاتماس بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۈرۈلىشى مومكىن بۇنىڭ ھەممىسى مۇھىبىتىڭلارنىڭ ۋە قىز ئاياللىرىڭلارنىڭ يىڭى قاتلىنىدىغان سامسوڭغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىلىنىشتىكى ۋاستىسى ئالاھىدە ئۇختۇرۇش قىلىندى سامسوڭ مەستانىسى سۈۈۈۈۈۈۈۈرخان دىن

  • گوپى3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بەك بەك بەك ياخشى ياخشى ھە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号