باش بەت

kusanbag

643يوللانما
51مەستانە

لى شياۋلوڭنىڭ «ئۆلۈم ئويۇنى» فىلىمى داۋامىدىكى نەق مەيدان سۈرەتلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-15 11:03 0 ئىنكاس چۈشتى

1972-يىلى كۈزدە، لى شياۋلوڭ «ئۆلۈم ئويۇنى» فىلىمىنى ئىشلەشنى باشلىغان، بىراق 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، لى شياۋلوڭ تۇيۇقسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن جياخې تاماشاسى «ئۆلۈم ئويۇنى» ھېكايىسىنى قايتا يازغان، كورېيە گۇمپا كىنو چولپىنى تاڭلوڭ لى شياۋلوڭنىڭ رولىغا ئالمىشىپ كىنونى تۈگەتكەن. بىراق بۇ كىنو بىلەن لى شياۋلوڭ ئىجادىيىتىدىكى فىلىم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ئىدى.

«ئۆلۈم ئويۇنى» فىلىمىنى ئىشلەش ئۈچۈن، لى شياۋلوڭ ئاتايىتەن «فىلىپپىن كالتەك شاھى» دەن ئىنوسانتو- DAN INOSANTOنى، بوي ئېگىزلىكى 2.18 مېتىر بولغان NBA ۋاسكىتبول چولپىنى «skyhook»  جاببار – Jabbarنى ۋە كورېيە ئايكىدو (ياپونچە چېلىشىشنىڭ بىر خىلى) ئۇستازى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن.

بىراق 5-قەۋەتتىكى نامسىز سارايدا، بوي ئېگىزلىكى پەقەتلا 1.72 مېتىر كېلىدىغان لى شياۋلوڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇچار تېپىكىنى «قارا گىگانت» جاببارغا ئېتىشى، بۇ ئاخىرى چىقمىغان فىلىمنىڭ ئەڭ كىلاسسىك بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ قالغان.

ئەينى چاغدا لى شياۋلوڭ «ئەجدەرھانىڭ ئېلىشىشى»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى، شۇڭا بۇ «ئۆلۈم ئويۇنى» فىلىمىنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلا تۈگىگەن. شۇڭا بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان «ئۆلۈم ئويۇنى» لى شياۋلوڭ باش رول ئالغان ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم ئورۇشقان كۆرۈنۈشلا ئەينى ۋاقىتتا لى شياۋلوڭ سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈش. يەنە «ئۆلۈم مۇنارى»مۇ لى شياۋلوڭنىڭ ئەسىرى ئەمەس، بۇ فىلىمدە تاڭلوڭ باش رول ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن فىلىملەردىن كېسىۋېلىنغان كۆرۈنۈشلەر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号