باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

توردا تونۇشقان ئەر بىلەن كۆرۈشكىلى چىققان ئايالنىڭ يانفونى ئوغرىلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-15 17:59 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 15-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ياش ئايال چۇڭچىڭ شەھىرى نەنئەن رايونى لوڭمېنخاۋ ساقچىخانىسىغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلىپ، ئەر توردىشى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا قىممىتى 5000 يۈەندىن ئاشىدىغان يانفونى ئوغرىلانغانلىقى، بىراق، قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دېلو مەلۇم قىلغان ئايالنىڭ فامىلىسى جياڭ بولۇپ، توردا بىر ئەر بىلەن تونۇشتى. ئۇ ئەر ئۆزىنى بىر شىركەتنىڭ غوجايىنى دەۋالدى ھەم جياڭ xxنى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قانداقلا قىيىنچىلىقى بولسا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككەيلەن قىزغىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كۆرۈشۈشكە كېلىشتى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن جياڭ xx تاماق يېيىش جەريانىدا تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

ساقچىلار: «ئىككەيلەن ناھايىتى ئازادە پاراڭلاشقان بولغاچقا جياڭ xx ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ يانفونىنى ئۈستەلگىلا قويۇپ قويۇپتۇ. بىراق، قايتىپ كەلگەندە يانفونى بىلەن ئۇ ئەرنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ» دېدى.

ساقچىلار كۆزەتكۈنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ تورداشنى بىر مېھمانخانىدىن تاپتى. ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز تېپىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ياڭ xx ھەيرانلىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.

ساقچىلار ئىككەيلەننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ياڭ xx جىنايىتىگە ئىقرار بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Fakat seN3 ئاي ئىلگىرى

    تىپىلپتۇ ئۇ نامەرد گۇي
    قىلغان ئىشىنى قارا

  • ئەسكى بالا،،3 ئاي ئىلگىرى

    قىزلا ۋېيشىن ئويناپ كۈرشىدىغان ئىشنى ئازراق قىلاسىلە ھە،،،
    كۈرۈشۈشكە چىقىپ قاساڭلا تىلفۇنۇڭلا ئالما 7 دىن تۈۋەن بوپ قامىسۇن ئىناۋەت چۈشۈپ كىتىدۇ جىما،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号