باش بەت

zefer

1223يوللانما
64مەستانە

ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرى زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-16 11:45 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

يەر شارىنىڭ تاشقى قەۋىتىدە ئىنسانلار قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھلاردىن باشقا يەنە شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالەم بوشلۇقىدا قېپقالغان ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىمۇ بار، ئەگەر بۇ ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرى ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا سۈنئىي ھەمراھلار زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. 

پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بىراق يەنە بەزىبىر زىيانلارمۇ پەيدا بولدى. ئۇ نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى. ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى دېگەن نېمە؟ ئەجەبا يەر شارىدىكى ئەخلەتكە ئوخشامدۇ؟ 

چاقماقنىڭ كۈچى ناھايىتى زور، ۋەيرانچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتمۇ ئىنتايىن ئېغىر. تۆۋەندە كونكرېت مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى. 1965-يىلى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋارد يۈتتۈرۈپ قويغان پەلەي سائىتىگە 28 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن سۈرئەت بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، بۇ قىرغىن قىلىش كۈچى زور پەلەي ئەڭ ئاخىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا كۆيۈپ كېتىدۇ.
2007-يىلى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاندېرسون بوشلۇقتىكى مەزگىلىدە 635 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك ئاممىياكلىق سۇ باكىنى ئالەم بوشلىقىغا تاشلىۋېتىدۇ. 16 ئايدىن كېيىن بۇ توڭلاتقۇ چوڭلۇقىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى ھېلىمۇ ياخشى دېڭىزدىكى كېمىلەرنى سوقۇۋەتمەي، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئارىسىدىكى بىپايان دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سىرلق تەپەككۇر ،يۈسۈپ6 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ تېمىدكى خەۋەرلەگە قىزىقدغانلا ناھايتى كۆپكە،،بىر مەن لىمكىن دەپ قاپتىكەنمە ،ئۆزەمچە ،،مۇشۇ نۇر تورغا چىقماستا پەقەت ئاسماننىلا كۆرەتتىم،شۇنچە خىيال قىلساممۇ يەر شارىنىڭ سىرتغا چىقالميتىم ،مۇشتا خەۋەرلەرنى شۇ رەسىملەنى كۆگەندىن كىيىن ،شۇ سىرلىق ئالەم ئۈستىدى ناھايتى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلالايدغان بولدۇم،،،،مەن نۇر تورىدكىلەدىن بەك خۇرسەن ،

  • پىروخور6 ئاي ئىلگىرى

    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا رۇسيەنىڭ بىر سۈننىي ھەمراسى ئالەم بوشلۇقدا پارتىلاپ كەتكەن .دىيلىشچە ئۇنىڭ ئاسپىرىن چوڭلۇقدىكى بىر پارچىسى بىر سۇننى ھەمرانى ۋەيران قىلۋىتىشكە يىتىپ ئاشدىكەن

  • خاتاكى✘كاكاشى6 ئاي ئىلگىرى

    مەن تېخى زور تېمىدىن بىرنى ئوقۇيدىغان بولدۇم دېسەم……

  • گوپى6 ئاي ئىلگىرى

    قانچىلىك خەتەرلىك بولسۇن سامسىدەك خەتەرلىك ئەمەستۇ پارتلاپلا كىتىدىغان

  • 187******626 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مەزمۇن بەك چولتا بولۇپ قاپتۇ. چۈشۈنۈكسىز.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号