باش بەت

دىل بايان

1109يوللانما
130مەستانە

ئوغرى «خىسلەتلىك ئەسۋابى» بىلەن بىر مىنۇتتا BMWنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-16 13:17 14 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، لوندوننىڭ شىمالىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەر ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، 9-ئاينىڭ بېشىدا 50 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 440 مىڭ خەلق پۇلى) خەجلەپ يېڭىدىن سېتىۋالغان BMW ئاپتوموبىلىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېيتقان. دېلو يۈز بەرگەن شۇ كۈنى كېچىسى بۇ ئەر ئاپتوموبىلىنىڭ موتور ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ۋە كارىۋاتتىن چۈشۈپ قاراپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئاللىقاچان ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ساقچى تەرەپ يېقىن ئەتراپتىكى كۆزىتىش كامېراسىدىن ئىككى ئەرنىڭ ئاپتوموبىلغا يېقىنلاشقانلىقىنى، بىرسىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ناھايىتى ئاسانلا ئېچىپ شوپۇرلۇق ئورنىغا چىققانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ قولىغا بىر دانە قارا رەڭلىك چاسا شەكىللىك نەرسىنى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۆينىڭ سىرتقى تېمىنى بويلاپ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بايقالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەر ئاچقۇچ يوق ئەھۋالدا ئاپتوموبىلنى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئىككى گۇماندار توپا-چاڭ توزۇتقان ھالدا ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتكەن، پۈتۈن جەريانغا بىر مىنۇتمۇ كەتمىگەن.

ئاپتوموبىل ئىگىسى يەنە يېقىندا قوشنىسىنىڭمۇ ئوخشاش تىپتىكى ئاپتوموبىلىنىڭ ئوغرىلانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا سېتىۋالغان ئاپتوموبىلىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىدىن قاتتىق ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يېقىندا لوندون رايونىدا يۈز بەرگەن تۆتىنچى قېتىملىق ئوخشاش ئۇسۇلدىكى ئوغرىلىق ۋەقەسى ئىكەن.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاپتوموبىللارغا «ئاچقۇچسىز قوزغىتىش تېخنىكىسى» (Passive Keyless Enter) قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل ئىگىسى بىر دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك بىلەنلا سىمسىز چاستوتا ئېتىش تېخنىكىسى بىلەن ئاپتوموبىل موتورىغا تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ. ئۆزەك سېگنالى ئاپتوموبىلغا يېقىنلاشقاندا ئاپتوموبىل ئىشىكى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن پەقەت بىر كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىقلا ئاپتوموبىل موتورىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئۆزەك سېگنالى ئاپتوموبىلدىن يىراقلاشقاندا، ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك قۇلۇپلىنىپ قالىدۇ.

بىراق، بۇ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە قولايلىق بولغان «يۇقىرى تېخنىكا» ئاپتوموبىل ئوغرىلىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئاتا قىلدى، كامېرادا ئەرنىڭ قولىدىكى تۆت چاسا نەرسە بولسا دەل سېگنال كېڭەيتىش قۇرۇلمىسى، ئۇ ئۆينىڭ تېمىنى بويلاپ ئۆي ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنىڭ سېگنالىنى ئىزدەۋاتىدۇ ۋە ئاچقۇچ سېگنالىنى قولىدىكى قۇرۇلما ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئەتراپىغا تارقىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلدىكى «ئاچقۇچسىز قوزغىتىش تېخنىكىسى» ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتىن تارقاتقان ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، «ئاچقۇچسىز قوزغىتىش تېخنىكىسى»نىڭ كۆلەملىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل سېگنال كېڭەيتكۈچ قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئوغرىلىق دېلوسى سادىر قىلىش سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ قالدى. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۇ يىل 5-ئايدا بىر تەجرىبە ئىشلىگەن، يەنى توردىن 258 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 2300 يۈەن خەلق پۇلى)غا سېتىۋالغان بىر دانە سېگنال كېڭەيتكۈچ قۇرۇلمىسى ئاقىلىق باھاسى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 880 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى لەندىروۋېر SUV ئاپتوموبىلىنى ناھايىتى ئاسانلا ھەيدەپ كەتكەن.

 شۇڭا، مۇتەخەسىسلەر يۇقارقىغا ئوخشاش ئوغرىلىق ۋەقەسىنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن، «ئاچقۇچسىز قوزغىتىش تېخنىكىسى» ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەكنىڭ سىمسىز سېگنالىنى تاقىۋېتىشىنى ياكى ئۇنى سېگنال توسقۇچ ئەسۋابلارنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئاپتوموبىل ئوغرىلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېچىلجان3 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلا مۇشۇ ۋېلىسپىتىم بىخەتەركەن

  • 快乐在哪里6 ئاي ئىلگىرى

    ياشاپ كىتىڭلا ئوغرىلا باي باي مىليونىرلانىڭكىنى ئۈزۈڭلانىڭكىدەك ئاقسا ھەيدىۋېلىڭلا

  • ئېسىل6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تېخنىكا مىنىڭ سانتانارىمغىمۇ ئىشلىمەيدۇ قاتتىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى

  • ئوبۇل6 ئاي ئىلگىرى

    ئارمان سېنىڭ پورسىچېرڭنى كورگىلى بايغا بارمىسىمۇ جىقۇ پورسىچى دىگەن

  • ئارمان6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تىخنىكا مىنىڭ ئامراق پورىسچى ماشنامغا ئىشلىمەيدۇ ، ئىشەنمىسەڭلار ئاقسۇ بايغا كىلىپ سىناپ بىقىڭلار ھى ھى ھى

  • تىمتاس6 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بىنا ئۆيدە تۇرىدىغانلارنىڭ ئەنسىرشىنىڭ ھاجىتى يوق.چۈنكى بۇ پەقەت ئاچقۇچنىڭ سىگىنالىنى كۈچەيتىپ تارقىلىش ئارلىقىنى ئازىراق يىراقلىتىدىغان ئۈسكىنە ئىكەن،بىنا ئۆيلەردە ماشنا مەھەلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىدا قويىدۇ.سىگىنال تارقىتىپ ئاپىرىشى قىيىنغا چۈشەرمىكىن.

  • 81338786 ئاي ئىلگىرى

    ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىمىز ئۈزەكنى قەيەردىن ئىتىمىز؟

  • ئەسمەتخان6 ئاي ئىلگىرى

    پەن-تېخنىكا چوڭ تىپتىكى ئۇيۇنچۇق

  • رايلۇز6 ئاي ئىلگىرى

    مەن ماۋۇ bmwماشىنامنى سىتىۋەتسەم بۇلغىدەك

  • تۈمۈر چۇققا ئوغىلى6 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىس ئوغىرى ئىكەن لىكىن بىزنىڭ دۆلتىمزدە قانۇن تۈزۇم بەك مۇستەكەم ئوغىرلغا ئۇنداق تەييار يېتىپ يەيدىغان پۇرسەت يوق شۇندقمۇ دوسلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号