باش بەت

دىل بايان

1110يوللانما
128مەستانە

دالىيەندە بىر ئايالنىڭ ATMدىن سالغان 6600 يۈەن پۇلى غايىب بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-16 15:50 1 ئىنكاس چۈشتى

بانكىدىكى ATM ماشىنىسى ئارقىلىق پۇل سالغان ئايال ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا پۇل سېلىش مەشغۇلاتىدىكى «جەزىملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمىدى. 

ۋەقەدىن كېيىن، سۈن خانىم بانكىدىكى كۆزىتىش كامېراسى ئارقىلىق، ئۆزى ساقلىغان 6600 يۈەن پۇلنىڭ ئارقىدىن كەلگەن بىر كالتە چاچلىق ئايال تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىدى.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4:30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋافاڭدىيەن شەھەر ئاھالىسى سۈن خانىم تەۋە رايوندىكى جۇڭگو بانكىسى جوڭ جىيې تارماق بانكىسىدىكى ATM ماشىنىسىدا پۇل سالغان، لېكىن ئۇ پۇلنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «جەزىملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. سۈن خانىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ جەمئىي 6600 يۈەن نەق پۇلنى سالغان ۋاقىتتا، ماشىنا ئۇ سالغان پۇلغا قارىتا تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغان، دەل مۇشۇ چاغدا سۈن خانىم بىرتال ئۈندىدار ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغان. سۈن خانىم:«ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ ئالدىراشچلىقتا پۇلنى ماشىنىغا سېلىپ بولۇپ <جەزىملەشتۈرۈش> كۇنۇپكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەيدۇ. ئۈندىدارغا كەلگەن ئۇچۇر سۈن خانىمنىڭ دىققىتىنى بۆلىۋەتكەچكە پۇلنى سالغان ۋە كارتىنىمۇ چىقىرىۋالمايلا ATM دىن ئايرىلغان.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دىن ئاشقاندا، سۈن خانىم ئۆيگە قايتىپ بانكا كارتىسىنى ئىزدەپ تاپالمىغان، ئاندىن ئۆزىنىڭ پۇل سېلىش جەريانىنى تەپسىلىي ئويلاپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پۇل سېلىش مەشغۇلاتىدا بىخەستىلىك قىلغانلىقىنى بىردىنلا ئېسىگە ئالغان. ئۇ دەرھال بانكىغا بېرىپ ئۆزى پۇل سېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ATMدىن بانكا كارتىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، پۇلى ۋە كارتىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى بىلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، سۈن خانىم دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلاشقان، ئاخىرى بانكىدىكى كۆزىتىش كامېراسىدىن سۇن خانىمنىڭ ATMدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر كالتە چاچلىق ئايالنىڭ بۇ ATM ئالدىغا كەلگەندىكى بايقالغان. «ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پۇل ئالغىلى كەلگەن بولسا كېرەك، كارتىنى سالغاندىلا ماشىنىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تال كارتىنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ» سۈن خانىمنىڭ مۇخبىرغا دېگىنى. ئاندىن ئۇ ATM ئېكرانىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، سۈن خانىم ساقلىغان 6600 يۈەننى چىقىرىۋالغان، ئاندىن كارتىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن.

سۈن خانىم:«مەن ساقلىغان پۇل ۋە كارتىنى ئېلىپ كەتكەن ئايالنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ پۇل سالغان ۋاقىتتا چوقۇم دىققەت قىلىشىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى. كېيىن ئۇ تەۋەلىك رايوندىكى ساقچى ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 196- ماددىسىدا، باشقىلارنىڭ ئىناۋەتكىلىك كارتىسىنى سۈيئىستېمال قىلىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقىغا كىرىدۇ، سوممىسى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ۋە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كارتا تېپىۋالغۇچىنىڭ دەرھال كارتا ئىگىسى ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تېپىۋالغان كارتا ۋە پۇلنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىشقا ئېرىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمۈد4 ئاي ئىلگىرى

    بەزىدە مۇشۇنداق ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان گەپ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号