باش بەت

ئۇيغۇر

507يوللانما
11مەستانە

تارىختىكى ئەڭ قىممەت iPhone قېپىنىڭ سىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-16 17:10 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى تېخنىكا قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتى بازارغا سالغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iPhone نىڭ باھاسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن قىممەت. بىراق قىسمەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يەنىلا ھەشەمەتلىك قىلىپ باققۇسى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يۇقىرى باھا ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بۇ كىشىلەر سىنگاپورنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ماركىسى Gray ئىشلەپچىقارغان Advent Collection iPhone نى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بىلىشىمىزچە بۇ باھاسى يانفوننىڭ ئۆزىدىن قىممەت بولغان بىردىن-بىر iPhone قېپى. ئەمەلىيەتتە Advent Collection نىڭ سېتىلىشى باھاسى 1345 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ نېمانچە قىممەتتۇ؟ Gray بۇنى چۈشەندۈرۈپ، بۇخىل تاشقى قاپ تىتان-ئالتۇن بىرىكمىسىدىن ياسالغان بولۇپ، ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشاش نۇر چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئالدىغا نومۇرى بار بولۇپ، سەنئەت باسما بۇيۇمىغا ئوخشايدۇ دەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يانفوننى قوغدايدىغان قوشۇمچىلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ياساش سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. لېكىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بازىرى ئەسلىدىلا ئىقتىدار ياكى زۆرۈرىيەتنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەكلىمىلىك ياكى سىرتقى شەكلىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. Gray ماركىسى iPhone 8 Plus يانفونىنىڭ تىتان-ئالتۇن بىرىكمىسىدىن ياسالغان نۇسخىسى بازارغا سېلىنىپ بولدى. تۆۋەندە بىز ئۇنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقايلى.

1345 ئامېرىكا دوللىرىلىق Gray Advent Collection iPhone يانفون قېپىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئورالما قېپى بار.

Advent Collection iPhone يانفون قېپىنىڭ تاشقى قېپى، ئاليۇمىندىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ئېسىل، ۋەزىنلىك، ئالىي تۇيغۇ بېرىدۇ.

بۇ يانفون قېپىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئاساسلىق زاپچاس، ئۇلار iPhone نىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلىدۇ. بۇ رەسىمدىن سىز بۇيرۇتۇپ ياسالغان ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىك مەھسۇلاتنى كۆرەلەيسىز.

ھەربىر يانفون قېپىنىڭ ئۆز ئالدىغا نومۇرى بار.

Gray نىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل يانفون قېپىنىڭ ھەسەن-ھۈسەن نۇسخىسىنىڭ مەنبەسى قولدا بىر تەرەپ قىلىنغان تىتان-ئالتۇن بىرىكمىسىدىن كەلگەن ئىكەن.

Gray نىڭ لوگوسى ۋە باشقا تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى لازىر نۇردا ئويۇلغان.

ئىككى زاپچاستىن تەركىب تاپقان يانفون قېپى، يانفوننى ئىككى تەرەپتىن ئوراپ تۇرىدۇ. ئەگەر لاھىيە توغرىسىدا يىتەرسىزلىك بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ يانفون قېپى ئىچىدىكى كاۋچۇك پارچىسى. ئۇلار يانفون قېپى بىلەن iPhone نىڭ زىچ بىرىكىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بىراق ئۇلارنى قىلماق ئىنتايىن تەس.

لېكىن ئىشلەتكەندىن كېيىن ،ناھايىتى ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز،ئەگەر ئېكران ئاسىرىغۇچىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئايرىم سېتىۋىلىشىڭىز لازىم،بىراق كۆپ قىسىم Advent Collection خېرىدارلىرى بۇ چىقىمنى كۆتۈرەلەيدۇ.

مانا بۇ ئالتۇن رەڭلىك iPhone 8 يانفون قاپ شەكلى. ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىك تاشقى كۆرۈنۈش كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتسا، مېتال ماتېرىيالى بىر خىل نەپىس تۇيغۇ بېرىدۇ.

بىز يانفۇن قىپىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى سىناپ باقمىدۇق، لېكىن ئۇ يانفوننىڭ ھەممە تەرىپىنى قاپلاپ يانفون ئېكرانىنىڭ زەربىگە ئۇچراپ بۇزۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ.

Advent Collection iPhone يانفون قېپىنىڭ ئۆز-ئارا قارشى بۇلۇڭلىرىدا روشەن ھالدا ياي بۇلۇڭلىرى بار بولۇپ، بۇ خىل ھالەت يۇمشاق ۋە يۇمىلاق ھالەتتىكى iPhone نى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ.

يانفون قېپىنىڭ لاھىيلىنىشى بىزگە ئىختىيارسىز لەمبورگىنىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ.

ياكى Audemars Piguet قول سائىتىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ يانفون قېپى راستلا 1345 ئامېرىكا دوللىرىغا ئەرزىمدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك قېيىن. بىر دانە 50 ئامېرىكا دوللىرىلىق Otterbox مۇ يانفوننى قوغدىيالايدۇ. لېكىن دۇنيادىكى iPhone دىنمۇ قىممەت يانفون قېپى بولۇشىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇنىڭ بەلكىم شەخسىي كىرىم تەقسىماتى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.

بىز iPhone Plus 8 نىڭ يانفون قېپىنى سىناپ باقتۇق، ئەمما Advent Collection ناھايىتى تېزلا iPhone X نەشىرىنى بازارغا سالىدۇ. Grey يەنە باشقا تىتان-ئالتۇن بىرىكمىسىدىن ياسالغان iPhone قېپىنى ياسايدۇ. باھاسى ئەلۋەتتە ئەرزان ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمۈد33 ئاي ئىلگىرى

    ناھايتى تايىنى يوق،بىمەنىلىك

  • ئالما3 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دىكەن سەت قاپبۇ كىم ئالىدۇ ئۇنى

  • ھاكاۋۇر3 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىچىلار بۇ نۆۋەت ئىنكاس يىزىش سىلەرنىڭ
    (قاتتىق مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسى )

  • مۇختەر3 ئاي ئىلگىرى

    بەك سەت قاپكەن بۇ

  • SUPERMAN3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ياشىسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号