باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

بېشىدا ئۆسمە بار دەپ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق مومىسىنىڭ ياخشى ھەمراھىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-17 18:13 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شەنشى ئۆلكىسى پۇشيەن ناھىيەسى غەربىي يولى ياشلار كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 83 ياشلىق جېڭ فېڭلىڭنىڭ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 1999-يىلى ئەمدىلا تاڭزۇڭزا چاغىنىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان جېڭ فېڭلىڭ ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ناھىيە شەھىرىگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ بىر يەشىك ئەتراپىغا توپلىشىۋالغانلىقى، ئىچىدە بىر قىز بوۋاق ياتقانلىقىنى كۆردى. ئەينى ۋاقىتتا بوۋاق كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتقان بولۇپ، بېشىدا بىر ئۆسمە بار ئىدى، يېنىغا يېرىم بوتۇلكا سۈت پاراشوكى ۋە «تاڭزۇڭزا بايرىمىدا تۇغۇلدى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر باغاقچە قويۇلغانىدى. بوۋاقنىڭ نەپىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقىغان موماي دەرھال ئۇنى ئېلىپ كېتىپ بېقىۋېلىشنى قارار قىلدى.

جېڭ فېڭلىڭ بوۋاقنى ئېلىپ ماڭغاندا ئەتراپتىكىلەر: «بۇ بالا ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ، كوچىنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىگە قويۇپ قويۇلغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى؛ ئۇنىڭ بېشىدىكى چوڭ ئۆسمىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېسىلىنى ساقايتالمىغاچقا تاشلىۋەتكەندۇ؟ يېشىڭىز چوڭىيىپ قاپتۇ، ئۆزىڭىزمۇ بالىلىرىڭىزغا تايىنىدىغان تۇرسىڭىز ئۇنى قانداق باقىسىز؟» دېگەندەك ھەرخىل گەپلەر بىلەن ئۇنى توسۇماقچى بولدى. بىراق، جېڭ فېڭلىڭ بالىنى ئېلىپ ئارقىغىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى.

ئەينى ۋاقىتتا، جېڭ فېڭلىڭنىڭ 5 بالىسى توي قىلىپ بولغانلىقتىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايتتى. ئۇنىڭ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بالا-چاقىلىرى ۋە قۇلۇم-قوشنىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە پاتماي قالدى ھەم ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرغان بوۋاقنى بېقىشىغا قارشى تۇردى. ئاخىرىدا، بالىلىرى جاھىل ئانىسىغا تەڭ كېلەلمەي بالىنى ئېلىپ قېلىشىغا قوشۇلدى. ئارقىدىن، ئۇ بوۋاقنى ئېلىپ لىنفېندىكى چوڭ-كىچىك دوختۇرخانىلارغا كۆرسەتتى. بوۋاق ئېيىغا توشقاندىن كېيىن بېشىدىكى ئۆسمە بارا-بارا كىچىكلەشكە باشلىدى.

گەرچە ئۇ ياڭ چۈەنمېينى بېقىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىنى ئاز ئاۋارە قىلىشقا تىرىشتى. 2016-يىلى جېڭ فېڭمېي ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپ پاچاق سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەنلىكتىن 3 ئاي دوختۇرخانىدا ياتتى. بۇ جەرياندا ياڭ چۈەنمېي كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭدىن ئايرىلماي خەۋەر ئالدى. ياڭ چۈەنمېي: «موماي مېنى تەستە بېقىپ چوڭ قىلدى. كىچىك ۋاقتىمدا مېنى ئوقۇتىدىغان پۇل يوق، مومام قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ پۇل ئارىيەتكە ئالغىلى چىققان. مەن ئۇنىڭ <كىچىك ھەمراھى>، ئۇنىڭ ئەجرىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك» دېدى.

ھازىر 18 ياشلىق ياڭ چۈەنمېي ناھايىتى ساغلام تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. جېڭ فېڭلىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن ياڭ چۈەنمېي كىچىكىدىن ناھايىتى ئەخلاقلىق چوڭ بولدى، مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇدى. ھازىر ئۇ لىنفېن شەھەرلىك مەدەنىيەت، گۈزەل-سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ كەسپى گۈزەل-سەنئەت سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ. جېڭ فېڭلىڭ تامدىكى رەسىم ۋە قىيما قەغەزلەرنى كۆرسىتىپ پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇلارنى شياۋمېي سىزغان» دېدى.

جېڭ فېڭلىڭ بۇلۇڭغا قويۇلغان ساندۇقىنى ئېچىپ رەتلىك تىزىۋېتىلگەن يوتقان كىرلىكلىرى ۋە بوۋاقلار كىيىملىرىنى چىقىرىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن شياۋمېيغا ئاتاپ تىكتىم. ئۇ توي قىلغاندا كۆزۈم تورلىشىپ، قىلىپ بېرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ تەييارلاپ قويدۇم. شۇنداق بولسا مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم3 ئاي ئىلگىرى

    ياشاپ كېتېڭ موماي ياخشې ئېش قېپسېز بەك تەسېرلەندېم سېزدېن ئومرېڭېز ئۇزۇن بولسۇن ئېشلېرڭېز رۇناق تاپسۇن

  • بىبۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا بەر سىمۇ م
    ەن باقاتىم ھە چاق چاق بالاھە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号