باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

بىر قىسىم يانفون قاپلىرىنىڭ پۇلىغا چەتئەلدىن ئارال سېتىۋالغىلى بولىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-17 19:12 15 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىيفونلارنىڭ باھاسى بىراقلا شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتتى، ئۆسۈپلا بولدى قىلماي، يەنە تېخى بەزىلىرىنىڭ باھاسى يېڭى-يېڭى رېكورتلارنى ياراتتى. زامانىمىزدىكى يانفونلارنىڭ باشلامچىسى iPhoneمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىراق، iPhone مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ باھا ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، ئۇلار iPhoneنىڭ ھەرقانداق نۇسخىسى ياراپلا قالسا ئالماي قالمايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭغا «يۈرىكى ئېچىشمايدۇ». بىراق، ماۋۇ يانفون قېپى دەيدىغان نەرسىگە كەلسەك، بۇنى ھەممىلا مەستانىنىڭ ئۇنداق «مەردلەرچە» ئېلىپ كېتىشى ناتايىن. 

باربېرىي شىركىتى ياساپ چىققان ماۋۇ iPhone 7نىڭ قېپىنى كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يانفون قېپى Trenchنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىچە خۇرۇمىدىن ياسالغان، نەپىسلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە. كامېرا تۆشۈكى ۋە زەرەتلەش تۆشۈكىمۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ياسالغان. قولىڭىزدىكى iPhone 7نى بۇ قاپقا سېلىۋالىدىغان بولسىڭىز «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك» ماس كېلىدۇ. %100 خۇرۇمدىن ياسالغان بۇ قاپنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى 1300 يۈەن ئەتراپىدا. بۇ باھا شياۋمى Max 2نىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك. 

فېندى شىركىتىنىڭ ماۋۇ ھال رەڭلىك قاتتىق يانفون قېپىمۇ iPhone 7گە ئاتاپ ياسالغان. بۇ قاپتىكى ئىككى تال گۈلدىن ئاياللارنى نىشان قىلىپ ياسالغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەمما، ماۋۇنى ئايالىڭىز ياكى يۈرگىنىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن، جەھلى قېتىپ ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسا كارتىڭىزدىن 3800 يۈەن پۇل ئازلاپ كېتىدۇ.

ماۋۇ قاپنى ھەشەمەتلىك بۇيۇم لايىھەلەشتە دۇنياغا داڭقى بار شىركەت DOLCE&GABBANA ياساپ چىققان. بۇ قاپمۇ ھەم iPhone 7گە ياسالغان. كىشىگە سەل قوپالدەك كۆرۈنىدىغان بۇ قاپقا موزاي تېرىسى ئىشلىتىلگەن (%90). ماۋۇنى تۇنجى كۆرگەن ئادەم نېمانداق تاينى يوق دېيىشى مۇمكىن، بىراق بۇنىڭ باھاسى 4800 يۈەن، ھازىر iPhone 7نىڭ باھاسىمۇ مۇشۇ ئەتراپتا. 

LV شىركىتىنىڭ iPhone 7plusقا ئاتاپ ئىشلىگەن ماۋۇ قېپىنى قەتئىي بوش چاغلاپ قالماڭ. سىرتىغا كۈمۈش رەڭ گۈل نەقىش قىلىنىپ، پارقىرايدىغان مېتال خەت ئويۇلغان، رەڭلىك جىيەك تۇتۇلغان. قاپنىڭ يەنە بىر يېنىغا بېسىپ نەقىش چىقىرىلغان، ئوچۇق كۈمۈش رەڭگە باسما گۈل ماسلاشتۇرۇلغان. بۇ قاپنىڭ باھاسىنى ئاڭلىسىڭىز «پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە، بىر ئۇچى بىلەكتە» دېگەن تەمسىلنىڭ مەنىسى بىلىپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە «LV» دېگەن قالپىقى بولغاچقا، بۇنىڭ ھازىرقى باھاسى 6800 يۈەن. ماۋۇ پۇلغا iPhone 8نىڭ 64Gلىق نۇسخىسىدىن بىرى كېلىپ، يەنە 1000 يۈەن ئېشىپ قالىدۇ. 

ماۋۇ قاپمۇ ئوخشاشلا LV شىركىتىنىڭ، ئەمما بۇ قاپ iPhone 7 گە ياسالغان، LVنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كاناپ ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا LV سەپەر سومكىسىنىڭ لايىھەسى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئورگان تورىدىكى باھاسى 9050 يۈەن، مۇشۇ پۇلنىڭ ئۆزىگە iPhone 7نىڭ 32Gلىق نۇسخىسىدىن ئىككىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمدى بۇ قاپنى ئالىمەن دەپ قالسىڭىز «ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە» دېگەن تەمسىلگە ماس ئىش قىلغان بولىسىز. شۇڭا يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىپراق ئاندىن ئېلىڭ. 

ئىتالىيەدىكى موسچىنو دېگەن شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مانا مۇشۇنداق غەلىتىلىك بىلەن مەشھۇر. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۆزگىچە، مودا، قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىشنى ئاساس قىلغان. شۇڭا ماۋۇ يانفوننىڭ قېپىدىمۇ يۇقىرىقى ئامىللار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، شۇنىڭدەك «ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم»نىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكلىرى سىڭدۈرۈلگەن. ئەمدىكى بۇنىڭغا باھاسىغا كەلسەك، 8 مىڭ 500 ياۋرو ئەتراپىدا، خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 66 مىڭ يۈەن، ماۋۇ پۇلغا يامان ئەمەس پىكاپتىن بىرى كېلىدۇ. پىكاپ ئالغۇڭىز بولمىسا مۇشۇ پۇلنى تويلۇق پۇلى قىلىپ، بىرەر ئاسپىرانت قىزنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىزمۇ قارشى تەرەپ ياق دېمەسلىكى مۇمكىن (تولۇق كۇرۇستا ئوقۇغان قىزلارغا 50 مىڭ يۈەن دەپ قويىلى، ماۋۇنى چاقچاق تەرىقىسىدە دېدۇق-ھە!). ياق، مەن پىكاپمۇ، خوتۇنمۇ ئالمايمەن دەپ قالسىڭىز، ئالما دۇكىنىغا بېرىڭ-دە، iPhone 8تىن 10 نى سېتىۋېلىڭ. 

ئەمدىكى نۆۋەت «يانفون قېپىنىڭ ھۆكۈمرانى»غا كەلدى. بۇ قاپنىڭ ئۈستىدىكى ئاۋۇ ئالماسلارنىڭ ئاز كەم 2 مىڭ 500 يىللىق تارىخى بار، بۇنى Buccellati شىركىتى ياساپ چىققان. بۇنىڭ لايىھە ئىلھامى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋردىكى مەشھۇر رەسسام داۋىنچىنىڭ: «قۇياش-بىزنى كەلگۈسىگە باشلاپ بارىدىغان جىسىمنىڭ قەدىمكى قېلىپىدۇر» دېگەن سۆزىدىن كەلگەن. بۇنىڭ ماتېرىيالىغا سېرىق ئالتۇن، ئاق ئالتۇن ۋە ئالماس ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ھازىرقى باھاسى 1 مىليون 280 مىڭ يۈەن. بۇ پۇلنى كۆتۈرۈپ چەتئەلدىكى بىرە ئارال دۆلەتكە بارسىڭىز سىزگە مەلۇم ئارىلىنى سېتىپ بېرىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ..؟..6 ئاي ئىلگىرى

    بەك ھەشەمەتچىلىك

  • مارۋىل6 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىغا نىمىلا قىلسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ،ھاھاھا ، زەردارلار يەنىلا ئالىدۇ ،

  • سۈرخان6 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ نىمىدىگەن ياخشى دەيمەن، سامسۇڭ مەستانىلىرى خىلى باركەن جۇمۇ

  • روزاخۇن6 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ياۋايى خەق چىدامدۇ چىدىمامدۇ نىمكارىڭلا ۋە ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى با ئۆزەم قايلىسام ئالما 2s ئشلىتىدىغاندەكلا قىلسىلە ۋىي موماينىڭ چىشى يوق تۆشكە ئامراق ، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق دىگەندەك قىلقىڭلا با ئاداش كەنسىلە جۇما

  • ياۋروپا زومگىرى پادىشاھ مادرىد6 ئاي ئىلگىرى

    ئالما دىسە بىشىم ئاغرىيدو نەرى ياخشى سىسىپ قالغان ئالمىنىڭ

  • 13845206 ئاي ئىلگىرى

    نەدىكى ئاقماس قاپلاىنى ياساپ تىلفۇنۇمدىكى يۇەنلىك15 قاپمۇ ئۇنىڭدىن چىرايلىق

  • 13845206 ئاي ئىلگىرى

    نەدىكى ئاقماس قاپلاىنى ياساپ تىلفۇنۇمدىكى 15 قاپمۇ ئۇنىڭدىن چىرايلىق

  • تەمكىن 086 ئاي ئىلگىرى

    ما ما ما سەل ئىشىپ كەتتىمۇ قاندا

  • سېغىنىش6 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دەيمەن نەرى ياخشى ئۇ ئالمىنىڭ ئازراقلا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قويۇپ ئىشلەۋەگەن يىڭىلىق يوق پۇل تېپىشنى مەخسەت قىلغاندىن باشقا ئىش يوق ما قاپلىرنىڭ قىممەت لىكىنى خۇددى پۇل ئىتىزدىن ئۇنۇپ چىقىدىغاندەك

  • ياۋايى6 ئاي ئىلگىرى

    مانا ئالما تېلىفۇنىنىڭ ماۋۇ قاپلىرىنى كۈرۈپ بەزىلەر چىدىيالماپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号