باش بەت

tayks

1218يوللانما
12مەستانە

چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئافرىقىلىق شاھزادە ئامېرىكىلىق قىزنى ئەمرىگە ئالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-17 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

qq كۆرۈش نۇقتىسى تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن ئايدا، 33 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال ئارىيانا 35 ياشلىق جويىلغا ياتلىق بولدى، كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، جويىلنىڭ سالاھىيىتى ئافرىقا دۆلىتى ئېفىيوپىيەنىڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ نەۋرىسى ئىدى.

ئىككەيلەن 12 يىل بۇرۇن كېچىلىك كۇلۇبتا تونۇشقان بولۇپ، جويىل ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئارىياناغا تاكى مۇھەببەتلەشكۈچە ئېيتمىغانىدى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىككەيلەن مارىلاند ئىشتاتىدا ھەشەمەتلىك توي مۇراسىنى ئۆتكۈزۈپ، 307 مېھماننى تەكلىپ قىلدى.

جويىل «شاھزادە يوئىل» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئېفىيوپىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى Haile Selassie I ئىدى. ئۇ 1930-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئېفىيوپىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا ھەربىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەنىدى. سۈرەتتە Haile Selassie I.

جويىلنىڭ دادىسى شاھزادە داۋىد ئەينى ۋاقىتتا چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ ۋەقەدىن ئامان قالغانىدى. جويىل ئىتالىيەنىڭ رىمدا تۇغۇلۇپ، شىۋېيتسارىيەدە چوڭ بولدى، دادىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردانلىقتا تۇرمۇش كەچۈردى. ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھازىرقى ئايالى بىلەن تونۇشتى.

ئىككەيلەن بىر مەزگىل ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشىدەك سىناقنى باشتىن كەچۈردى، 2006-يىلى جويىل فىرانسىيەدە 6 ئاي ئوقۇدى، ئىككىنچى يىلى ئايالىمۇ پارىژغا باردى. بىراق جويىل 2008-يىلى تاغىسى بىلەن ئېفىيوپىيەگە قايتىپ بىر تەشكىلات قۇردى. 2014-يىلى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئىككەيلەن جەم بولدى، جويىل ئارىياناغا توي ئۈزۈكى سوۋغا قىلىپ توي تەكلىپى قويدى.

تويدىن كېيىن ئۇلار ۋاشىنگىتونغا كۆچۈپ كەلدى، جويىل ھازىر قانۇن تارمىقىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئارىيانا پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号