باش بەت

شەرىفە

889يوللانما
71مەستانە

توردا تونۇشۇپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزغا «تويلۇق» ئېلىپ بەرگەن يىگىت ئالداندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-18 10:57 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

شياۋسۇڭ خېنەنلىك يىگىت، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇ ئىككىنچى قېتىم گۇيياڭ شەھىرىگە كەلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزىنى ئالداپ كەتكەن «قىز دوستى»نى ئىزدەپ تېپىش ئىدى. شياۋسۇڭنىڭ زادى قانداق ئالداپ كېتىلگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم گۇيياڭ شەھىرىگە كېلىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

شياۋشۇڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قىز دوستىنىڭ ئىسمى شياۋياڭ بولۇپ، گۇيياڭ شەھىرىدە تۇرىدىكەن. بۇ يىل 5-ئايدا ئىككىيلەن توردا تونۇشقاندىن كېيىن ئ‍ۆز-ئارا ئۈندىدار نومۇرلىرىنى قوشۇۋېلىشقان ۋە بىر ئايدەك قىزغىن پاراڭلىشىپ يۈرگەن.

شياۋشۇڭ بۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مېنى گۇيياڭغا كېلىپ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ يېزنە ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ گەپلىرى تولىمۇ جايىدا ئىدى. ئۇ يەنە 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇ تەرەپكە بارساق، ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى كۆرۈشسە، بۇ يىل ئىچىدىلا توينى پۈتتۈرۈپ، توي خېتى ئېلىۋالساق دېدى».

توردا تونۇشقىنىغا ئەمدىلا بىر ئاي بولغان، ئىككى تەرەپنىڭ يۈز-تۇرانە كۆرۈشكىنىگىمۇ تېخى بىر نەچچە كۈن بولغان ئەھۋالدا توينىڭ ئىشىنى بېكىتىپ بولۇش، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئانچە ئىشەنچلىك ئىش ئەمەس، ئەمما شياۋشۇڭ بۇنىڭغا تولىمۇ ئىشىنىپ قالغان، يەنە تېخى ئۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ شياۋياڭغا بىر مۇنچە «تويلۇق» ئېلىپ بەرگەن.

شياۋسۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن توي قىلىشنىلا ئويلاپ، ئۇ ئالىمەن دېگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىۋېرىپتىمەن. ئۇ تېخى: <بىز تەرەپنىڭ ئادىتىدە تويدا ھاراق، چاي، كىيىم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالىمىز> دېسە مەن ھەممىنى ئېلىۋېرىپ، ئاقىۋەتتە 60مىڭ يۈەندەك پۇل خەجلىۋېتىپتىمەن».

ئەمما «تويلۇق»لارنى ئالغان شياۋياڭ ئۆزىنىڭ زۇنيىدىكى چوڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شياۋسۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىسى ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى بوۋىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، دەرھال زۇنيىغا قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى».

شياۋسۇڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق ئويلايدۇ: «بەرىبىر شياۋياڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شياۋسۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چوڭلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدىغۇ». شۇنىڭ بىلەن شياۋسۇڭ يۇرتى خېنەنگە قايتىپ تۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار شياۋسۇڭنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالىدۇ.

«شۇنىڭدىن كېيىن مەن تېلېفون قىلدىم، QQدا، ئۈندىداردا خەت يازدىم، ئەمما ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم».

شياۋسۇڭ كۆرسەتكەن ئۈندىدار ئالاقە خاتىرىسى ۋە تېلېفونلىشىش خاتىرىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شياۋياڭ 7-ئايدىن باشلاپ ھەقىقەتەن شياۋسۇڭغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان. شياۋياڭنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن شياۋسۇڭ ئاخىرى گۇمانلىنىشقا باشلىغان.

شياۋسۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلىدە بىز دېيىشكەن كۈنى ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمەكچى بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئەھۋالنى دەپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك ئىدى. 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشالمىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم».

مۇشۇنداقلا ئالداپ كېتىلگەنلىكىگە تەن بەرگۈسى كەلمىگەن شياۋسۇڭ يەنە بىر قېتىم گۇيياڭ شەھىرىگە ئاتلاندى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم سورىدى، ئۇ شياۋياڭنى ئىزدەپ تېپىشنى ۋە ئۇنىڭغا خەجلەپ بەرگەن 60 مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شياۋسۇڭ ئىزچىل تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ توي قىلىش مەقسىتىدىلا شياۋياڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ھازىر بولسا ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭلا ئەمەس، يەنە تېخى ھېسىياتىنىڭمۇ ئوغرىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە توردا تونۇشۇپلا توي قىلماقچى بولۇۋاتقانلارغا ئىبرەت بولۇشىنى، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىدەك ئاقىۋەتكە قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئومەر3 ئاي ئىلگىرى

    ئەخمەق ھەي ئەخمەك

  • 187******333 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئېغىزلا گەپ دۆت

  • مەخپى3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقتىم، ئوخشاشكەن -7ئايدىن كىيىن ئايدىن كىيىن، تىلفۇن قىلسام ئىلىنمىدى، بۇرۇن ئىشلىتىپ، ھازىر ئىشلەتمىگەن دەپ، يەنەئۈندىدار، qq دىمۇ يوق، لىكىنغۇ ئىقتىساد جەھەتتە،ئۇنداق ئەمەس،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号