باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

جون سىنوۋ: «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ ئاخىرىلىشىدىغان ۋاقتى بولدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-18 21:24 0 ئىنكاس چۈشتى

cnBeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەلكىم نۇرغۇنلىغان تاماشىبنلار پات ئارىدا ئاياغلىشىدىغان «ھوقۇق ئويۇنى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قىيالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىراق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى جون سىنوۋنىڭ رولىنى ئالغان كىت خارىڭتوننىڭ قارىشىچە بولسا، ھازىر ئاياغلاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى پەيت ھېسابلىنىدىكەن. يېقىندا، بۇ ئارتىس مەلۇم تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە روھى دۇنياسى مۇرەككەپ ھېسلارغا تولغان بولسىمۇ، بىراق خاتىمە قىسىمىنىڭ دەل پەيتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خارىڭتوننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى فىلىم ئىشلىگۈچىسى دەيۋىد بېنوف بىلەن دەن ۋېسقا ئېلخەت ئارقىلىق بۇ پىكىرىنى ئېيتقاندا، ئۇلارمۇ ئىنتايىن ئازابلانغان.

بىراق بۇ خارىڭتونغا نىسبەتەن، ئاخرىلىشىش ئازادلىققا چىقىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىر يىلغا يېقىن ئەركىن ۋاقتى بولالايدۇ. ئەگەر يەنىلا «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەزگىلىدە بولسا، ئۇنداقتا، ئۇلار يەنە يېرىم يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ، يېرىم پىلان تۈرىمۇ 6 ئاي بۇرۇن باشلىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ قىلسا بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار، مەسىلەن، فىلىم مەزمۇنىنى سىرتقا ئاشكارىلىۋېتىش دېگەندەك...

يەنە كېلىپ يېقىندا، خارىڭتون بىلەن «ياۋايى ئادەم» قىز دوستىغا چاي ئىچۈرۈلدى. قارىغاندا، ئۇ راستىنلا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجلىقتەك قىلىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号