باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

گېرمانىيەلىك 17 ياشلىق يىگىتنىڭ تارتقان رەسىملىرى داڭق چىقاردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-19 12:16 0 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا خەۋەر قىلىنغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىدىغان 17 ياشلىق تالانتلىق فوتوگراف Jannik Obenhoff  ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەستانىلىرى 700 نەچچە مىڭغا يەتتى، كۆپچىلىك ئۇ تارتقان مەنزىرە سۈرەتلىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇشتى.

ئۇ گىرمانىيەلىك بولۇپ، تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىشقا ئۇستا، تۇمانلىق جايلار، زۇمرەتتەك كۆللەرمۇ ئۇنىڭ كامىراسىدە سېھىرلىك مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 13 ياش ۋاقتىدىلا سۈرەتكە تارتىشقا قىزىقىپ قالغانلىقى ۋە ئۆگەنگەنلىكىنى، گىرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەنزىرە سۈرەتلەرنى تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن مەستانىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

بەزى تورداشلار ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل سۈرەتلەرنى قانداق تارتالايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بېرىپ ئىزدەنمىسىڭىز، بۇ دۇنيانىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمايسىز.

تاغ باغرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ياۋروپاچە ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش، ئاپئاق قارلاردىن تون كېيگەندىن كېيىن كىنولاردىكى مەنزىرىلەرگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئۇنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى، تۇرمۇشتا تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى گۈزەللىككە پۈركەنگەن، گەپ سىزنىڭ قانداق نەزەردە قارىشىڭىزدا.

مەيلى تاغدىكى ئورمانلىق بولسۇن،

ياكى كۆل سۈيىدىكى سايە بولسۇن،

تەبىئەتتە يەنە نۇرغۇن گۈزەل جايلار بىزنىڭ بېرىپ ھوزۇرلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号