باش بەت

رازى

1802يوللانما
52مەستانە

ئەر-ئايال 1250 گىرام ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان بوۋاقنى تاشلىۋەتمەكچى بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-19 23:55 4 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نەچچە كۈن ئىلگىرى شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا ئېغىرلىقى 1250 گىرام كېلىدىغان بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى، دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىدىكى دوختۇر سېسترالارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن بۇ بوۋاق گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلدى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18:15 ئەتراپىدا، 44 ياشلىق تيەن خانىم ئەمدى 29 ھەپتىلىك بولغان ئېغىرلىقى 1250 گىرام كېلىدىغان بەدەن ئېغىرلىقى دەرىجىدىن تاشقىرى يېنىك بولغان، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنى يەڭگىدى، ئانا-بالا دەرھال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن شياڭمېي دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقنىڭ بېشى چوڭ ئادەمنىڭ باش بارمىقىچىلىك توملۇقتا بولۇپ، بىلەكلىرىمۇ بارماقچىلىك توملۇقتا ئىكەن، بوۋاقنىڭ قان تومۇرلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە، يۈزى تېخى لىغىرلاپ تۇرغان ئىكەن، بالىنىڭ يېتىلىشى تېخى تولۇق بولمىغاچقا، ھەر-خىل ئامىللار تۈپەيلى بالىدا نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، ئۆپكە ياللۇغى، قان قېتىشىش ئىقتىدارى غەيرىيلىكى، يۇقىرى بىلىرۇبىنېمىيە كېسىلى، كەم قانلىق، كەم ئاقسىللىق، نەپىسى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىكەن. 

دوختۇرلار بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنى دەرھال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەپ ئىسسىق ساقلاش، نەپەس يولىنى تازىلاش، ياردەمچى نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى توختىماي قوللاندى، بوۋاق ناھايىتى بالدۇرلا ئانا تېنىدىن كېلىدىغان ئوزۇقلۇقتىن ئايرىلىپ قالغاچقا، توقۇلما ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماي نەپەسلىنىشى قىيىنغا توختىغانىدى. بوۋاقنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرلار ئاشقازان نەيچىسى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق يەتكۈزدى، ئەمما، بوۋاقنىڭ ئۆپكىسى ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلانغان بولغاچقا، سۈت نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، شۇ سەۋەبلىك دوختۇرلار ھەر قېتىمدا پەقەت 1ml سۈت كىرگۈزدى، مۇشۇنداق ئاز سۈتنىمۇ دوختۇرلار 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئاران كىرگۈزەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈتنىڭ قۇيۇقلۇقى باشقا سۇيۇقلۇقتىن قويۇق بولغاچقا، سېسترالار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىنتايىن ئاۋايلاپ كىرگۈزەتتى.

17-چېسلا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقتا يەنە قايتا-قايتا نەپىسى توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، داۋالاشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى، دوختۇرلار داۋاملىق ياردەمچى نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتسىمۇ، بوۋاقتا يەنە نەپسى توختاپ قېلىش ئەھۋالى ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ، بوۋاقنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى. تيەن خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىقتىسادتىن قىينالغاچقا، بالىنى داۋالىتىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەن چاڭچىڭ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، بالىدا ئۆزى نەپەسلىنىش ئەھۋالى بار بولۇپ، ھايات قېلىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقى، بالا شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان يەردە ئاتا-ئانىسى بەل قويۇۋەتسە بولمايدىغانلىقى، دوختۇر سېستىرالار بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 18-چېسلا چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانا ئالاھىدە گىرېتسىيە دۆلەتلىك CDC داڭلىق بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ داڭلىق دوختۇرخانا باشلىقى جياۋ فۇيوڭنى بالىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەرنا6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى ئۈزۈپ قويماڭلار، نىمىدىگەن قەيسەر بۇۋاق، ياشاش ئىستىكى بەك كۈچلۈككەن، بۇنى چوڭ ئەدەملارمۇ قىلالمايدۇ

  • irpan6 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداق قىلىپ قانداق بولدى تاشلىۋەتتىمۇ ياكى

  • سۈيگۈم ئۈچۈن6 ئاي ئىلگىرى

    بىر بالىنى تۇققان ئىكەن چۇقۇم مەسئۇليەت تۇيغۇسى بۇلۇش كىرەك ،ۋاز كىچىش ئەمەس

  • AKKUNGUL6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بوۋاقنىڭ تىزراق ساقىيىپ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشنى ،كىينكى ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىپ نىجاتلىققا ئېرىشىشىنى ،مۇشۇ ھەقتە داۋاملىق خەۋەر بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号