باش بەت

ئادىلجان

7821يوللانما
106مەستانە

تەتقىقاتچىلار ئالتۇن كانىنىڭ چوڭقۇر ئورنىدا «ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتلىرى»نى بايقىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 21:39 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 20-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى Beatrix ئالتۇن كانىنىڭ 1400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تونىلدا ماڭسىڭىز بەلكىم سىزنى قورقۇنۇچ بېسىشى مۇمكىن. بۇ جايدىكى بىردىنبىر يورۇقلۇق مەنبەسى باش چىرىغى بولۇپ، پەقەت ئالدىڭىزدىكى نەچچە مېتىر يەر يۈزىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. ئەمما بۇ ناچار شارائىتلار بېلگىيەلىك ھايۋاناتشۇناس گاتان (Gaetan Borgonie)نىڭ بۇ جايغا كېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇ ئىزچىل تۈردە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان جانلىقلارنى تېپىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. 

بۇ يىل 6-ئايدا گاتان بۇ ئالتۇن كانغا قايتا كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ «ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتى»نى ئىزدەشنى مەقسەت قىلغان، بۇ خىل مىكرو جانلىق تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق سۇيۇق ئازوتتا ئاساسەن ئوكسىگېن بولمىغان مۇھىتتا 65 كىلومېتىرلىق ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېتىپمۇ ھايات قالالايدۇ.

گاتاننىڭ تەتقىقات ئەترىتى بۇ خىل ئاشقازان قۇرتىنى 2009-يىلى 3650 مېتىر يەر ئاستىدىن بايقىغان بولۇپ، ئۇنى «ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتى» دەپ ئاتىغان. بۇ خىل قۇرت بىر خىل يىپچە قۇرت. گاتان مۇنداق دېدى:«مەن ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتى <كۈشەندىسىز> دېمەيمەن. ئەمما ئۇ بىر ئىنتايىن قەيسەر ھايۋان.»

گاتاننىڭ «ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتى»غا بولغان قىزغىنلىقىنى ئۇنىڭ مارسقا بولغان قىزىقىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مارسقا ھاياتلىق بولسا خۇددى «ئالۋاستى ئۈچەي قۇرتىدەك» مەۋجۇت بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مارسقا چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ قالدىم. مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ھاياتلىقنى تېپىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مارستا ھاياتلىق بولسا ئۇ چوقۇم يەر ئاستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا.»

ئۆتكەن تۆت ئايدا گاتان ئىزچىل تۈردە 6-ئايدا توپلىغان ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلدى، ئۇ 2018-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنى قايتا زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ مەقسىتى Beatrix ئالتۇن كانى ئەمەس. ئەكسىچە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئارىشاڭ رايونىدىن يىپىق قۇرت ئىزدەشنى ئۈمىد قىلماقتا. 

گاتان مۇنداق دېدى: «بىرقانچە يىل بۇرۇن بىز يەر ئاستىغا يوشۇرۇنغان بىر خىل ئۈچەي قۇرتىنى <بايقىدۇق>، بۇرۇن پەقەت دېڭىز سۈيىدىن بايقىغان. بۇ قېتىم بىز ئۇنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەر ئاستىدىن بايقىدۇق، بۇ جايدا دېڭىز-ئوكيان يوق. ئۇنداقتا ئۇ بۇ جايغا قانداق كېلىپ قالدى؟»

گاتاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىزدىن تۆۋەن ئىكەن. دېڭىز سۈيىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، يىپچە قۇرت چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىن يەر يۈزىگە چىققان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارىشاڭ رايونىدىن يىپچە قۇرت ئىزدەش پەقەت ئۆتمۈشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن. بۇ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 

گاتاننىڭ قارىشىچە، ئەگەر كىچىك سەييارىلەر سوقۇلۇش قاتارلىق ئاپەتلەر يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بارچە ھاياتلىقنى يوقىتىۋەتسە، يىپچە قۇرت ۋە باشقا مىكرو جانلىقلار ئارىشاڭ قاتارلىق ئورۇنلار ئارقىلىق يەر يۈزىگە چىقىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号