باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى «كەھرىۋا ئۆي»نى تېپىپ چىقتى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 20:34 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تەرجىمىسى: 

رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ تورى»نىڭ 17-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك ئۈچ تەتقىقاتچى مۇنداق دېگەن: «كەھرىۋا ئۆي گېرمانىيەدىكى ساكسون ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېرىزگېبىر تاغ تىزمىسىدىكى شاھزادە ئۆڭكۈرىدە بولۇشى مۇمكىن». 

73 ياشلىق لونارد بىلۇم، 67 ياشلىق گانتېر ئېكات ۋە 71 ياشلىق لور رادار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى تۇپراقنى سايىلىگەن، سايىلەش جەريانىدا پوتەيسىمان كاۋاكچە بايقىغان. 

ئېكات مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆڭكۈر تېمىدىكى مال قويۇشقا ئىشلىتىدىغان كامارنىڭ ئىچىدە پولات سىمنىڭ ئىزى بارلىقىنى بايقىدۇق. راداردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، ئۆڭكۈر ئاستىدا لەخمە بولۇشى ئېنىق». 

لور مۇنداق دېگەن: «شاھزادە ئۆڭكۈرىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ۋوگزال بار، 1945-يىلى 4-ئايدا كېنىگبۇرگنىڭ پويىزى مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن، بۇمۇ ھەم كەھرىۋا ئۆينىڭ مۇشۇ ئۆڭكۈردە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ». 

ئىگىلىنىشىچە، كەھرىۋا ئۆينى گېرمانىيەلىك ئالىملار پىرۇسسىيە پادىشاھى فېردىرىك Ⅰ گە ئاتاپ ياسىغانىكەن، كېيىن پېتىر Ⅰ گە تەقدىم قىلىنغانىكەن. 1941-يىلى گېرمانىيە ئارمىيەسى ئېكارتىنا ئوردىسىنى بۇلاپ كەتكەندە، كەھرىۋا ئۆينى كېنىگبۇرگقا ئاپىرىپ قويغانىكەن. كەھرىۋا ئۆينىڭ نەقىشلىق پەنەركىسى شەرقىي پىرۇسسىيەنىڭ پايتەختىدىكى خان جەمەتى قەلئەسىگە قويۇلغان. 1945-يىلى، فاشىست ئارمىيەسى چېكىنگەندىن بېرى، كىشىلەر كەھرىۋا ئۆينى قايتا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان. مىش-مىش پاراڭلارغا قارىغاندا، يوقاپ كەتكەن ئۈنچە-مارجانلار رۇسىيەنىڭ كالىنىنگىراد ئوبلاستى، گېرمانىيە، پولشا، چېخقا يوشۇرۇپ قويۇلغانمىش. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号