باش بەت

ئۇيغۇر

507يوللانما
12مەستانە

جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى:جۇڭگو 2030-يىلى مارسقا چىقىپ ئەۋرىشكە يىغىشى مۇمكىن

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-21 13:01 2 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا گېزىتى 20-ئۆكتەبىر تېلگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تېخنىكا گورۇھى شىركىتى سەككىزىنچى ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى دەي شوۋلۈن 20-ئۆكتەبىر، دۆلىتىمىزنىڭ 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە مارستىن ئەۋرىشكە ئېلىش، كىچىك پىلانتلارنى تەكشۈرۈش، يۇپىتېر سېستىمىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش لايىھىسىنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

توشۇش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق تەكشۈرۈش نىشانىنى تېخىمۇ يىراق بولغان كائىناتقا يۈزلەندۈردى. دەي شوۋلۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئالدىدا بايان قىلغان تەكشۈرۈش پىلانىغا قارىتا ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، كائىنات تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2016-يىلى 1-ئايدا تەستىقلانغان بولۇپ، 2020-يىلى ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنگەن. ئۇزۇن سەپەر بەشىنچى نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا مارسقا تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىپ، بىۋاستە ھالدا يەرشارى-مارس يۆتكىلىش ئوربىتىسىغا ئۇزۇتۇپ، بىر قېتىمدا «ئايلىنىش، قونۇش، تەكشۈرۈش» تىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇلۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن، شۇنداقلا بوشلۇق مۇھىتى، تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، قاتلام تۈزۈلۈشى قاتارلىق بەش چوڭ ئىلمىي نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

خەلقئارا مىقياسىدا، تۇنجى قېتىملىق مارس تەكشۈرۈشتە يۇقارقى ۋەزىپىلەرنى تاماملىغانلار تېخى يوق بولۇپ، غايەت زور رىقابەتكە دۇچ كەلگەن. دەي شوۋلۈننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالدى بىلەن كائىناتتىكى پەۋقۇلئاددە يىراق ئارىلىقتا ئالاقىنى ئۆلچەش-كونترول قىلىش، مارستا توختاپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ئوربىتىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۆزىنى باشقۇرۇش، شالاڭ ئاتموسفېرادا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ۋە بىخەتەر قونۇش قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك ئىكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن يەر يۈزى ئەڭ يىراق ئارىلىقتىكى ئالاقە مۇساپىسى 400 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، يەر-ئاي ئارىلىقىنىڭ 900 ھەسسىسىدىن كۆپرەك يىراق ئىكەن. سۆزلىشىشنىڭ كېچىكىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن كۆپرەك ئىكەن، ھەمدە ئاۋاز ناھايىتى ئاجىز ئىكەن. سىگنالنىڭ ئاجىزلىشىشى، يەتكۈزۈشنىڭ كېچىكىشى ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ دەخلى قىلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنى يېڭىش كېرەككەن. ئۇندىن باشقا مارس ئاتموسفېراسىنىڭ زىچلىقى يەرشارىنىڭكى يۈزدىن بىرىچىلىك كېلىدىغان بولغاچقا، تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ سۈرئەت ئاستىلىتىش ئۇسۇلىدا پەرق نىسبەتەن چوڭ. قونۇش ئۈسكىنىسى سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە مارسقا «سوقۇلىدۇ». شۇڭا پىنېۋماتىك سىرتقى شەكىل، قونۇش كۈنلۈكى، ئەكس ئىتتىرىش ماتورى قاتارلىق ھەرخىل تەدبىرلەر ئارقىلىق سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندا، ئاندىن مارسقا بىخەتەر قونغىلى بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تېخنىكا2 ئاي ئىلگىرى

    ئالغا ئىنتىلىدىغان جۇڭخۇا

  • 伊犁的 balag3 ئاي ئىلگىرى

    ما ئاداشنىڭ ئولتۇرشى قىززىق چىقىپتۇ، جۇشىڭچىنى ئەسلىتىپ، 2030 يىلى مارىسقا چىقىمىز دەپ قويۇپ ئولتۇرۇپتۇدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号