باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

Pixel 2 يانفونىدا مال سېلىش كېچىكتۈرۈلىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-22 15:37 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 22-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول سودا شەھەرچىسىدە Pixel 2 سېتىۋالغان قىسمەن خېرىدارلار ھازىر ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يانفونلىرىغا مال سېلىش ۋاقتى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن گۇگول تەسىرگە ئۇچرىغان قىسمەن خېرىدارلارغا تولۇقلىما سۈپىتىدە بىردانە Live Case نى ھەقسىز سوۋغا قىلىشنى قارار قىلغان (ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكىدا شۇنداق). Live Case باشلىنىش باھاسى 40 دوللار بولغان Pixel يانفون قوغداش قېپى بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ سۈرىتى ياكى گۇگول تەمىنلىگەن سەنئەتلىك سۈرەتلەرنى بۇ قوغداش قېپىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرەلەيدۇ. 

ھازىر ئىستېمالچىلار گۇگول سودا شەھەرچىسىدە زاكاز قىلغان Pixel 2 بىلەن 2 XLنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل نۇسخىسى بار:

Pixel 2نىڭ 64GBلىق قارا نۇسخىسى: ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن مال سېلىنىدۇ.

Pixel 2نىڭ 128GBلىق قارا نۇسخىسى: دەرھال مال سېلىنىدۇ.

Pixel 2نىڭ 128GBلىق ئاق نۇسخىسى: تۆت-بەش ھەپتىدىن كېيىن مال سېلىنىدۇ.

Pixel 2 XLنىڭ 64GBلىق قارا نۇسخىسى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ مال سېلىنىدۇ.

Pixel 2 XLنىڭ 128GBلىق قارا نۇسخىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ مال سېلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号