باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

سۈنئىي ھەمراھلار چۈشۈپ كەتسە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىرى بولامدۇ؟

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-22 17:20 3 ئىنكاس چۈشتى

ياسىن ئىبراھىم


ئادەتتە يانفون، ئىنتېرنېت تورى، ئاپتوماتىك كاسسا، پاي چېكى بازىرى، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، تېز قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاتارلىقلار سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىدۇ، ئەگەر سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتسە، يۇقىرىقىلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ يول باشلاش ئارقىلىق تېجەپ قېلىنىدىغان ماشىنا ھەيدەش ۋاقتى 1 مىليارد سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. تېجەپ قېلىنىدىغان يېقىلغۇ 3 مىليارد 800 مىليون لىتىردىن ئېشىپ 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى تېجەپ قالغانغا باراۋەر بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي قىسىملارنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىشىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ يول باشلايدۇ ۋە نىشانلارغا توغرا زەربە بېرەلەيدۇ.

ھازىر يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا تايىنىشى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تاللىيالايدۇ، يەر يۈزى يول باشلاش رادىيو ئىستانسىسىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. يەر شارى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ھاۋارايىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەتىكى ھاۋارايىنى ئالدىن مۆلچەرلىشىمىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاپەت خاراكتېرلىك قاتتىق بوران ياكى دالا يانغىنلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بۇ ئاپەتلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قايسى جايدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: http://uy.ts.cn/system/2017/10/14/035011486.shtml?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېكىس3 ئاي ئىلگىرى

    ئاپتوماتىك كاسسا دىگىنى ئېغىزىمىزنىڭ ئۇچىدىلا دەيدىغان چۈكەنجى شۇمىكى...

  • خىيالچان بەگزادە3 ئاي ئىلگىرى

    سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتسە يەر شارى بىر مەيدان قالايمقانچىلىققا تۇلۇپ كەتكۈدەك ئەمسە،،،، ئاپەت دېمەكچىدە بۇ يەردە

  • تىلسىم3 ئاي ئىلگىرى

    ئاپتۇماتىك كاسسا دىگەن قانداق گەپ ئەمدى ، چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号